ھايات شاھىتلاردىن ھازىر قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجى 1940-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ بېيجىڭ سەپىرىدىكى سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە توختالدى.
بۇ يىل 92 ياشقا كىرگەن خەمىت كەنجى بۇنىڭدىن 64 يىل بۇرۇنقى سىرلىق قارا ھىجراننى ئەسلىگىنىدە كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى. ئۇ ھېلىھەم سەگەك تۇرغان ئەس-خاتىرىسى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرى مىيىتلىرىنىڭ 1950-يىلىنىڭ بېشىدا غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنگەن چاغدىكى مەنزىرىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.
سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجى 1922-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ بېرىۋاتقان مىللىي ئىنقىلاب شاھىتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 2013-يىلى «ئەرك تېلېۋىزىيىسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب جەريانىدىكى ھايات كەچۈرمىشلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتكەن.
ئۇ ئانا تىلدا باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا غۇلجا نوۋېگوردتىكى رۇس گىمنازىيەسىگە كىرىپ ئوقۇغان ۋە زامانىۋى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن. كېيىن غۇلجادىكى «ئۈمىد» مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1944-يىلى نىلقىدا مىللىي ئىنقىلابنىڭ تۇنجى ئوق ئاۋازى ياڭرىغان كۈندىن ئېتىبارەن بۇ سەپكە ئاتلانغان. 1945-يىلى مىللىي ئارمىيىنىڭ جەنۇبىي فرونت قىسىملىرى بىلەن ئاقسۇغا چۈشۈپ ئۇرۇشقا قاتناشقان. تىنچلىق بىتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئالتايغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، شىمالىي فرونتتىكى مىللىي ئارمىيە شتابىدا خىزمەت قىلغان. كېيىن غۇلجىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، مىللىي ئارمىيە باش شتابىدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئاتقۇزغان. مايور دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. رۇس تىلىنى پۇختا بىلگەنلىكى ئۈچۈن مىللىي ئارمىيە باش شتابى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى سوۋېتلىك مەسلىھەتچىلەرگە تەرجىمان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھىم يىغىنلارغا قاتناشقان.
1949-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر بېيجىڭ سەپىرىدە سىرلىق ھالدا قازاغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر ئۆز ۋاقتىدا مىللىي ئارمىيە ۋە ئاممىدىن مەخپىي تۇتۇلىدۇ. ئارىدىن بىرقانچە ئايلار ئۆتۈپ، 1950-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاندىن ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ.
مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجى ئەينى ۋاقىتتا غۇلجاغا ئېلىپ كېلىنگەن ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىقلارنىڭ ساندۇققا قاچىلانغان مىيىتلىرىنى بۇيرۇق بويىچە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرىدۇ. ۋەھالەنكى، نەق مەيداندا ھېچكىمنىڭ، ھەتتا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەپىقىسى ماھىنۇر قاسىمىنىڭمۇ ساندۇقنى ئېچىپ جەسەتنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
غۇلجا خەلقى ئېغىر مۇسىبەتكە چۆمىدۇ. مايور خەمىت كەنجى ئۈستى ئەينەك بىلەن قاپلانغان ساندۇق ئىچىدىن پەقەتلا ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئوچۇق قالغان ئېغىزىدىكى بىر تال تونۇش ئالتۇن چىشىنى پەرق ئېتىدۇ. قالغان ساندۇقلاردىكى جەسەتلەرنى تونۇيالمايدۇ.
خەمىت كەنجى ئۆز ئەسلىمىسىدە ئەينى چاغدىكى ئېغىر مۇسىبەتكە چۆمگەن غۇلجا خەلقىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى، نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئاممىنىڭ جىددىي كەيپىياتىنى جانلىق تەسۋىرلەيدۇ.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.