ئالماتادا دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 22-دېكابىر، ئالماتا.
قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 22-دېكابىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

22-دېكابىردا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر مۇراسىمغا ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق يېزىلاردىن كەلگەن يۇرت-جامائەتچىلىك، زىيالىيلار، مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى، ياشلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى.

ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە دراما ئەسىرىدىن پارچە ۋە فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، مەركەز رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف كىچىلىك پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف دوكلات قىلدى. ئاندىن سۆزگە چىققان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى چۇقان ۋەلىخانوف نامىدىكى تارىخ ۋە ئېتنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئەلىمغازى دەئۇلېتخان، سابىق «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ خادىمى ۋاپاخان قۇربانوف، بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رەھمەتجان يۈسۈپوف، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، «ئالاش» ئەدەبىي مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، يازغۇچى جانات ئەخمەدى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى رەئىسى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىروف، شۇنداقلا بورىس مويېۋسكىي ۋە باشقىلار ئە. قاسىمى ھەققىدە پىكىرلىرىنى، ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كەچ ئاخىرىدا مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرىغا سوغىلار تاپشۇرۇلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە غۇلجىدا ياشىغان رۇس بورىس مويېۋسكىي ۋە مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى 90 ياشلىق تۇرسۇن ئاكا ئالىيېف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت