ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا مەخمۇت قەشقىرى مېدالى تارقىتىلدى

0:00 / 0:00


ئەزەربەيجان يازغۇچىلار جەمئىيىتى تارمىقىدىكى مەخمۇت قەشقىرى فوندى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئەزەربەيجاندا تىل- ئەدەبىيات ساھەسىگە تۆھپە قوشقان 5 كىشىگە مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتى تارقىتىپ بەردى.

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىكى ئەزەربەيجان ئىلىملەر ئاكادېمىيەسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرى، ئىلىملەر ئاكادېمىيە رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى، يازغۇچى ۋە شائىرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

بىز مۇراسىم توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ئالدى بىلەن بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان مەخمۇت قەشقىرى فوندى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك بۇندىن 10 يىل بۇرۇن ئەزەربەيجان يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تارمىقىدا مەخمۇت قەشقىرى فوندى قۇرۇلغان ئىدى. ئەزەربەيجاننىڭ خەلق يازغۇچىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى ئانار ئەپەندى مەخمۇت قەشقىرى فوندىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. مەشھۇر تەرجىمان ۋە يازغۇچىمىز ئىلخان قاراخانلى، قاراخانلى يېزىسىدىن بولغاچقا فامىلىسى قاراخانلىدۇر. بۇ كىشى مەخمۇت قەشقىرى فوندىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. مەزكۇر ۋەقىپ 2007-يىلى مەن بىلەن تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى سۈلايمان دەمىرەلگە مەخمۇت قەشقىرى مېدالى بەرگەن ئىدى. مەزكۇر مېدال ماڭا تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەرنى ئەزەربەيجان تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقىم ئۈچۈن بېرىلگەن ئىدى.»

پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر ئەپەندى بۇ يىل مەخمۇت قەشقىرى ۋەخپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈچ يازغۇچى، 2 تەتقىقاتچى بولۇپ جەمئىي 5 كىشىگە مەخمۇت قەشقىرى مېدالى بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « بۇ يىل مەخمۇت قەشقىرى فوندى قۇرۇلغانلىقىغا ئون يىل بولدى. مەزكۇر فوندىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ يىل ئەزەربەيجاندا ئەدەبىياتقا ۋە ئىلىمگە تۆھپە قوشقان 5 كىشىگە مەخمۇت قەشقىرى مېدالى بېرەيلى دېدى. بۇ 5 كىشىنىڭ ئۈچى يازغۇچى. بۇلار ئەزەربەيجان خەلق يازغۇچىسى، ئەزەربەيجان يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى ئانار ئەپەندى، داڭلىق يازغۇچى يۇنۇس ئوغۇز، بۇ كىشى ‹ئەمىر تېمۇر›، ‹فەھمازۇر شاھ› قاتارلىق تارىخى رومانلارنى يازغان. داڭلىق يازغۇچى ھۈسەيىن مىرئالەم ئەپەندى قاتارلىقلار. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىلەردىن ئىككىسى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى. بۇلار ئەزەربەيجان ئىلىملەر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، ئەدەبىياتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئىسا ھابىتبەيلى ئەپەندى ۋە باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى مۇدىرى مەن پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر.»

ئەزەربەيجان ئىلىملەر ئاكادېمىيىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مەخمۇت قەشقىرى مېدالى بېرىلگەن داڭلىق يازغۇچى يۇنۇس ئوغۇز ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مېدالنى ئالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇ-ھېسسىياتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « مەخمۇت قەشقىرى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭدۇر. ماڭا بۇ مۇكاپاتنى بەرگەن مەخمۇت قەشقىرى فوندىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ مېدال مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك مېدال ھېسابلىنىدۇ.»

مەخمۇت قەشقىرى فوندىنىڭ باش كاتىپى ئىلھان قاراخانلى ئەپەندى مەخمۇت قەشقىرى فوندىنىڭ خەلقئارالىق بىر فوند ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەردىكى بىلىم ئادەملىرىگىمۇ مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « بۇ خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتتۇر. 2006-يىلى قۇرۇلغان ئىدى. ئەزەربەيجان يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئانار ئەپەندى 2006-يىلىدا قۇرغان ئىدى. بۇ يىل ئون يىل بولدى. فوندىمىز ‹ئۇلۇغ چىنار› نامىدا ژۇرنال چىقىرىۋاتىدۇ. بىز بۇندىن كېيىن بۇ مېدالنى تۈرك دۇنياسىدا ئىلىم-پەنگە تۆھپە قوشقان كىشىلەرگىمۇ تارقاتماقچى. خۇدا بۇيرۇسا كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئارىسىدىنمۇ تاللاپ مەخمۇت قەشقىرى مېدالى بېرىمىز.»

مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر
مەخمۇت قەشقىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر

تۈركىيە ھاجىتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يادىكارلىرىدىن بىرى بولغان مەخمۇت قەشقىرىگە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭمۇ ئىگە چىقىپ ئەزەربەيجاندىكىدەك مېداللار تەسىس قىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىپ تونۇتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ قوغدىلىدىغان يادىكارلىقلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە ياۋرو-ئاسيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى 2008-يىلى « خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇكاپاتى» تەسىس قىلغان ئىدى، ئەزەربەيجان يازغۇچىلار جەمئىيىتى بولسا مەخمۇت قەشقىرى فوندى قۇرۇپ مەخمۇت قەشقىرى مېدالى تەسىس قىلغان.