25-ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىدىكى مىللىي كىتابخانىدا پۇبلىستىك يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ «ئەزىزانە قەشقەر» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر، قازاق، رۇس ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ئاپتورنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، كەسىپداشلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىننى ئېلىپ بارغان مەزكۇر كىتابخانىنىڭ مۇدىرى ساغىنباي قوزىبايېف ئالدى بىلەن ئىسمايىجان ئىمىنوفنىڭ تەرجىمە ھالى ۋە مەزكۇر كىتابى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئاندىن كېيىن سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئەزاسى، «ئەزىزانە قەشقەر» كىتابى بىلەن دەسلەپ تونۇشقان يازغۇچى سۋېتلانا نازاروۋا، قازاقىستان ژۇرنالىستىكا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى يولداش ئازاماتوف، ياۋروئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئوردېنبك مازبايېف، قازاقىستان پرېزىدېنتى ئاخبارات مەركىزىنىڭ باشلىقى ۋالېرا جاندائۇلېتوف، شائىر ۋە پۇبلىستىك يازغۇچى راتبېك تېرلىكبايېف، رۇسىيەنىڭ قازاقىستاندىكى كونسۇلى ئىرىنا پېرېۋېرزېۋالار مەزكۇر كىتاب ھەم ئۇنىڭ ئاپتورى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى، ئىسمايىلجان ئىمىنوف كىتابىنىڭ دەسلەپكى مۇھەررىرى سۋېتلانا نازاروۋا كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ «ئەزىزانە قەشقەر» كىتابى-بۇ قەدىمىيلىك، قاراخانىيلار پادىشالىقىنىڭ قالدۇقلىرى-مازارلار، مەسچىتلەر، يادىكارلىقلار، تۇرمۇش، ئاجايىپ قەدىمىي ھۆنەرۋەنچىلىك-مۇشۇنىڭ بارلىقى ئېھتىياتلىق بىلەن ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر سەپىرىدە قولدىن ياسالغان خوتەن ئىپەك گىلەملىرىنى ھەيران قالارلىق ھالدا تەسۋىرلىگەن بولۇپ، بۇنى مۇشۇ كۈنگىچە ئادەملەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن قەشقەرىيىگە مەخسۇس كۆرۈش ئۈچۈن كېلىۋاتماقتا. ئۇ شۇنداقلا تۇرپان شارابىنىمۇ تەسۋىرلەيدۇ. تۇرپان شارابىنى ئادەملەر مۇشۇ كەمگىچە قەدىرلەيدۇ ھەم ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرلىرىنى مۇزىكا ئىجات قىلىشقا، شېئىر، داستان يېزىشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. بۇ كىتاب ئادەملەر ئارىسىدىكى قانداقتۇر بىر ھەيران قالارلىق يورۇق ۋە ياخشى كۆۋرۈكتۇر. بۇ، مېنىڭچە، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، مۇشۇ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا مەنىۋى مەدەت بېرىدۇ. بۇ كىتاب شۇلار ئۈچۈندۇر. بۇ ھازىرقى، زامانىۋى ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن كەلگەن رەسىملەر شەكلىدىكى سالامدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۆلمىدى، ياشاۋاتىدۇ، گۈللىنىۋاتىدۇ، ھېچكىم بۇ ۋەتىنىنى تاشلاپ كېتەي دېمەيۋاتىدۇ. بۇ ۋەتەن ئۆزىنىڭ شىرنىسى بىلەن، تومۇرلىرى بىلەن، ئۆزىنىڭ يورۇقى بىلەن ئۇيغۇرلار قەيەردە ياشىمىسۇن بارلىقىنىڭ يۈرەكلىرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.»
تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققانلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى كۈندە كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپ بىلمەيدىغانلىقىنى ياكى بولمىسا تامامەن تەسەۋۋۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ھەمدە بۇ جەھەتتە ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ كىتابىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار شۇنداقلا مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنى، بولۇپمۇ قازاق-ئۇيغۇر دوستلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ژۇرنالىست، «ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى يولداش ئازاماتوف ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ ئىجادىيىتىگە مۇنداق دەپ باھا بەردى: «ئىسمايىلجان ئىمىنوف ئەدەبىياتقا، ژۇرنالىستىكىغا ئەللىك يېشىدا كىرىپ كەلدى. بىراق مۇشۇ بەش يىل ئىچىدە ئىنتايىن نۇرغۇن ھېكايىلەرنى، ئوچېركلارنى، ماقالىلەرنى، يول خاتىرىلىرىنى يازدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە، قازاق، رۇس تىللىرىدا چىقىدىغان گېزىتلەردە بېسىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى ئىنكاسىغا ئىگە بولدى. «ئەزىزانە قەشقەر» دېگەن كىتابى رۇس تىلىدىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بېسىلىپ چىقتى. ھازىر مانا تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ، ئۇنى ئوقۇغان ئۇيغۇرلارمۇ، قازاقلارمۇ، رۇسلارمۇ ھەممىسى يۇقىرى باھا بېرىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولغىنى، بۇ كىتابنى ئىسمايىلجان ئۆزىنىڭ قەلبىدىن ئۆتكۈزۈپ يازغان. دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تارىخىي ۋەتىنىمىزگە بېرىپ، قەشقەرنى، تۇرپاننى، خوتەننى، غۇلجىنى ۋە باشقىمۇ شەھەرلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ يازغان. ئۇ پەقەت ئۆزى كۆرگەننىلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىزنىڭ ئۆتمۈش تارىخىمىز توغرىلىقمۇ مەلۇمات بېرىدۇ. بىزنىڭ رەسىم-قائىدىلىرىمىز توغرىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق كۈن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنتايىن ياخشى يازغان. مەن ئويلايمەنكى، ئىسمايىلجان يېقىندا ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىغا بېرىپ كەلدى، بۇمۇ ئايرىم بىر كىتاب بولامدىكىن. بۇ يىگىتىمىز رۇس تىلىدا يازىدۇ، ئۇنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىرىۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا، ژۇرنالىستىكىغا بولغان قىزىقىشى، ئۆز خەلقىگە بولغان مۇھەببىتى مۇشۇ كىتابلىرىدا، ماقالىلىرىدە، ئەسەرلىرىدە يارقىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.