ئۇيغۇر ئالىمەسى ماھىنۇر ئەلىيېۋا قازاقىستاننىڭ يېتەكچى فولكلورشۇناس ئالىمى ئىدى

0:00 / 0:00

بۇ يىل، قازاقىستاندا تونۇلغان دەسلەپكى فولكلورشۇناسلاردىن بىرى، ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر فولكلورى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان ئالىمە ماھىنۇر ئەلىيېۋا ۋاپات بولدى.

مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي، مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەر كۆپلەپ سانىلىدۇ. بولۇپمۇ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن شەكىللىنىشكە باشلىغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا راۋاجلىنىشىغا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىلىپ چىققان ئالىملارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشتى. بۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىنكى دەۋردە روشەن ئىپادىلەندى. 1949-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە ئۇيغۇر-تۇڭگان بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىشى، 1963-يىلى ئۇنىڭ ئاكادېمىيە قارمىقىدىكى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىگە ئايلىنىشى، 1986-يىلى شۇ بۆلۈم ئاساسىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلىنىشىغا زېمىن ياراتقان ئىدى.

ئەنە شۇ ئىلمىي دەرگاھنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرىدە ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن شەخسلەرنىڭ بىرى ماھىنۇر ئەلىيېۋادۇر.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاجرالماس قىسمى بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش ساھەسىگە فولكلورشۇناس ئالىمە، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ماھىنۇر ئەلىيېۋا سالماقلىق ھەسسە قوشتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋا ماھىنۇر ئەلىيېۋانىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
«ماھىنۇر مۇستاپا قىزى ئەلىيېۋانى مەن 1984-يىلدىن، يەنى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئىشلىگەندىن بېرى بىلەتتىم. مەن ئۇنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەندە تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشقا باشلىدىم. ئۇ كەسپى بويىچە باشقا ئالىم ئىدى. م. مۇستاپا قىزى ئەسلى ئەدەبىياتشۇناس ئالىمە، يەنە كېلىپ فولكلورشۇناس تەتقىقاتچى بولسا، مەن تارىخچى ئىدىم. يەنە كېلىپ بىز خىلمۇ-خىل بۆلۈملەردە ئىشلەتتۇق. بىزنىڭ ياشلىرىمىزمۇ ھەر خىل بولغانلىقتىن بىزنىڭ ئالاقىلىرىمىزنى قويۇق بولدى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ ماھىنۇر ھەدە ماڭا كۆپ جەھەتتىن، شۇ جۈملىدىن كەسپىي ئالاھىدىلىكلىرى، شۇنداقلا ئىنسانىي خىسلەتلىرى جەھەتتىن چوڭ ئۈلگە بولۇپ كەلگەن ئىدى.»

ر. كەرىموۋا م. ئەلىيېۋانىڭ كىچىك-پېئىللىق، كەمسۆزلۈك، پرىنسىپاللىق ۋە باشقىمۇ خىسلەتلىرى بىلەن باشقىلاردىن دائىم پەرقلىنىپ تۇرغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تىل تېپىشىپ كېتىشكە مۇمكىن بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ كەسپىي تەجرىبىسىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دوكتور رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ماھىنۇر ئەلىيېۋا ئۆزىنىڭ 80 ياشلاردىن ئالقىغانلىقىغا قارىماستىن، دائىم ئالاھىدە زوق ۋە قىزغىنلىق بىلەن تەتقىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ باراتتى. ئۇنىڭ كېلەچەككە قويغان پىلانلىرى زور بولۇپ، يەنە بىر قاتار كىتابلارنى نەشر قىلىش ئارمىنى بار ئىدى.

ماھىنۇر ئەلىيېۋا 1927-يىلى ئالماتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1941-يىلى باشلانغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا بىلىم ئېلىشىغا مۇمكىنچىلىك بەرمىگەن ئىدى. ھەر خىل كەسىپلەردە ئىشلىگەن ئۇ پەقەت 1949-يىلى ئالماتادىكى پېداگوگىكا تېخنىكومىنى تاماملاپ، شۇ يىلى قىزلار ئىنستىتۇتىنىڭ رۇس تىلى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشكەن. ماھىنۇر ئەلىيېۋا 1953-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكدېمىيەسى يېنىدىكى ئۇيغۇر-تۇڭگان بۆلۈمىنىڭ ئاسپىرانتۇرىسىغا ئوقۇشقا كىردى. ئۇ ئالتە يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئىش سەپىرىدە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپلىگەن قوشاقلىرى، ناخشىلىرى، ماقال-تەمسىللىرى، لەتىپىلىرى، تېپىشماقلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ باشقىمۇ تۈرلىرىنى يېزىۋېلىش ۋە ئايرىم توپلام قىلىپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغان ھەم بۇ ماتېرىياللارنى ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرىدا ئورۇنلۇق پايدىلىنىشنى بىلەن.

ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى گۈلبەھرەم مولوتوۋا ماھىرە ئەلىيېۋانىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە كۆپلىگەن يىللار مابەينىدە ئىشلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ نامزاتلىق ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ ئۇيغۇر چۆچەكلىرىگە بېغىشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«بۇ ئىشقا ئالىمە زۆرۈر بولغان دەرىجىدە تەييارلىق بىلەن كەلگەن. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش لازىمكى، ماھىنۇر مۇستاپا قىزى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي ئېكىسپېدىتسىيەلەرگە پائال قاتناشقان. ئۇ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ماتېرىيال توپلىدى. ئۇلارنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-ۋە 70-يىللىرى چۆچەكلەر، تېپىشماقلار، قوشاقلار بويىچە يورۇق كۆرگەن توپلاملارغا كىرگۈزگەن. نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيىسىنى ئۇتۇقلۇق ياقىلىغاندىن كېيىن، كۆپ يىللار مېۋىسى بولغان ئەمگىكىنى ‹ئۇيغۇر چۆچەكلىرى› مونوگرافىيىسىدە مۇجەسسەملىدى. بۇ كىتاب رۇس تىلىدا يورۇق كۆردى. دائىمىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا فولكلورشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە ئائىت دوكلاتلىرى بىلەن قاتنىشىپ يۈردى. ئالىمەنىڭ ماقالىلىرى بولسا، رۇس، ئۇيغۇر تىللىرىدا ھەر خىل توپلاملاردا، ئىلمىي ژۇرناللاردا نەشر ئېتىلىپ تۇردى. ئۇ فولكلورشۇناس رېتىدە بېسىلغان توپلاملارنىڭ جاۋابكەر مۇھەررىرى بولدى، ئايرىم توپلاملارغا كىرىش سۆز يازدى. 1983-يىلى قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق تارىخىدا چوڭ بىر ۋەقە يۈز بەردى، يەنى ئۈچ توملۇق ‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى› يورۇق كۆردى. بۇ، ھەقىقەتەن، يىرىك ئەمگەكلەردىن بىرى بولدى. بىرىنچى توم ‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى› نامى بىلەن ئاتىلىپ، فولكلوشۇناسلىق مەسىلىلىرىنىڭ مۇھىم مۇئامىلىلىرىنى ئېچىپ بېرىشتە ماھىنۇر ھەدىنىڭ ئۈلۈشى زور بولدى. 1989-يىلى ئالىمەنىڭ رۇس تىلىدا ‹ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ ژانرلىرى› مونوگرافىيىسى نەشردىن چىقتى. مەزكۇر ئەمگىكىدە ماھىنۇر ھەدە ئاساسىي دىققەتنى ئۇيغۇر فولكلورى مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلغان ئالىملارنىڭ ئەمگەكلىرىگە توختىلىپ ئۆتكەن، ئاندىن ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ تۈركۈملىنىشىنى بېرىپ، ھەر بىر ژانىرغا تەپسىلىي پىكرىنى ئىزھار قىلغان».

گۈلبەھرەم مولوتوۋانىڭ تەكىتلىشىچە، ماھىنۇر ئەلىيېۋا ئۇيغۇر چۆچەكلىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە ئېتىشكىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان. ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تۇنجى مۇدىرى غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋ ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ ھەر بىر ژانىرى بويىچە كۆپ توملۇق توپلاملارنى چىقىرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا چۆچەكلەر بويىچە توپلامنى ماھىنۇر ئەلىيېۋا تەييارلىغان ئىدى. ئامما مەملىكەتتە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى تەييارلانغان بۇ ئەمگەك يورۇق كۆرمىدى.

ماھىنۇر ئەلىيېۋا ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى، ئاندىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلىدى. ئۇ ئىككى مونوگرافىيە، بىر قاتار كوللېكتىپلىق مونوگرافىيەلەر، كۆپلىگەن توپلاملار ۋە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنىڭ ئاپتورىدۇر. ماھىنۇر ئەلىيېۋا مۇشۇ يېقىندا 89 يېشىدا ئالماتا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى.