فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچراشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015-09-29
Share
firansiye-uyghur-qurban-heyt-1.jpg فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن. 2015-يىلى 27-سېنتەبىر، پارىژ.
RFA/Qutluq

27-سېنتەبىر فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پارىژغا يىغىلىپ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژ 93-رايونىدىكى تۈرك ئۆلكە ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەرىكە زالىدا قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن.

تەبرىكلەش پائالىيىتىگە فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيىتىگە يەنە پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم تۈرك ئۆلىمالار قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت ۋە قازاقىستاندىن فىرانسىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر قىزى ماھىرە بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت