فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچراشتى

0:00 / 0:00

27-سېنتەبىر فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پارىژغا يىغىلىپ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژ 93-رايونىدىكى تۈرك ئۆلكە ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەرىكە زالىدا قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىگەن.

تەبرىكلەش پائالىيىتىگە فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيىتىگە يەنە پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم تۈرك ئۆلىمالار قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت ۋە قازاقىستاندىن فىرانسىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر قىزى ماھىرە بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.