گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2013-يىللىق نورۇز پائالىيىتى ئىستىقلال مارشى ئورۇنلاش ۋە دىنىي زاتلارغا تون كىيدۈرۈش قاتارلىق شەكىللەردە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى جانلىق ئۇسۇللاردا خاتىرىلەنگەن بۇ پائالىيەتتىن ھاياجانغا چۆمگەنلىكىنى بىلدۈرسە، پائالىيەتكە سورۇن تەمىنلىگەن ئورۇنلارمۇ تەسىرلىنىپ سورۇنى تاقاش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بەردى.
31-مارت كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى « مەدەنىيەت ئۆيى» ناملىق پائالىيەت مەركىزىدە نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن يىغىلغان 300دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك كىشىلەر مول مەزمۇنلۇق بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىگە قەدەر داۋاملاشقان بۇ نورۇزلۇق پائالىيەت كۆپ خىل سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن مېھمانلاردا زور ھاياجان پەيدا قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
«گېرمانىيەدە 2013-يىللىق نورۇز» ناملىق بۇ پائالىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىدە، ئالىپتېكىن تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە دىنىي جەھەتتىن بىلىم بېرىۋاتقان كىشىلەرگە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تون تەقدىم قىلىندى. تون كىيدۈرۈش ئىشىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى تەكلىپ قىلىندى.
دىنىي ئۇستازلاردىن ھېبىبۇللاھ قارىم تون كىيگەندىن كېيىن ئۆز مەمنۇنىيىتى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئارقىدىن ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، سەھنىدە مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ئىجات قىلغان ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى.
پائالىيەت جەريانىدا بىز بەزى ياشلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە بولغان تەسىراتلىرىنى بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. سورۇندا يەنە گۈزەل ئۇيغۇرچە ئۇسۇللار ئوينالدى، شېئىر-قوشاقلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئاخىرىدا پۈتۈن زالدا تاماشىبىن ئۇيغۇرلار ئۇسۇلغا چۈشۈپ، نورۇز كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
مەزكۇر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، ئاخىرىدا سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نورۇز بايرىمىدىن بەكمۇ ھاياجانلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ 10 مىنۇت ۋاقىت ئۇزارتىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ھەمدە كىشىلەرنىڭ بەس-بەستە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئوينىغان ئەركىن ئۇسۇللىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىدى. جاراڭلىق ناخشا، مۇزىكا ساداسى ئىچىدە چوڭ-كىچىك، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، قىزغىن نورۇز كەيپىياتى ۋە ھاياجان پەيدا قىلىش بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە خاتىمە بەردى.