11-نويابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇر فولىكلورى تەتقىقاتچىسى نۇرنىسا خانىمنىڭ «ئۆتمۈشنى سېغىنىش» ناملىق سەنەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ئارقىلىق گېرمانىيە خەلقىگە تونۇتۇشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرى قاتارىدا تۇتۇپ كەلگەن ئۇيغۇر فولىكلورى تەتقىقاتچىسى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرنىسا خانىم 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ميۇنخېن شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆزىنىڭ «ئۆتمۈشنى سېغىنىش» تېمىسىدىكى سەنئەت كېچىلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.
ميۇنخېن شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كېچىلىككە كۆپ ساندا ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك مېھمانلار تاماشىبىن سۈپىتىدە قاتناشتى. ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇسۇل يىتەكچىسى خالىسە خانىم تەربىيىلىگەن ياش ئۆسمۈر ئۇسۇلچىلار ھەمدە نۇرنىسا خانىم ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى بويىچە تەربىيىلىگەن ئۆسمۈر بالىلار بۇ قېتىمقى كېچىلىكتە ساپ ئۇيغۇرچە تىل ۋە كېيىملەر بىلەن نومۇر كۆرسىتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ميۇنخېن مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ پائالىيەت زالىدا، بۇ كۈنى ميۇنخېندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىمۇ ئورۇنلاندى. ئۇيغۇرلارغا ئاجرىتىپ بېرىلگەن ۋاقىتنى ئۇيغۇر سەبىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئوماق سۆز-ھەرىكەتلىرى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە نەپىس ئۇسۇللىرى ھەمدە ناخشىلىرى بىلەن تەسىرلىك بىر شەكىلدە ئۆتكۈزگەن نۇرنىسا خانىم، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمى ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇيغۇر سازەندىلەرنى قوشنا ئەللەردىن تەكلىپ قىلىپ كەلتۈرگەن ئىدى. ئالايىتەن گوللاندىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر سازەندىسى كامىل ئابباس ئەپەندى ۋە باشقا سەنئەتكارلار «ئۆتمۈشنى سېغىنىش» تېمىسىدىكى بۇ سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ھەسسىلەر قوشتى. نۇرنىسا خانىم بۇ پائالىيەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ھاياجانلىق ئىبارىلەر بىلەن ئىپادە قىلدى.
ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، د ئۇ ق خادىملىرى ھەمدە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى 13-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە رابىيە خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش، «ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك يوللىرى» تېمىسىدا سۆزلىنىدىغان لېكسىيە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇراسىملارغا تەييارلىق قىلىش، شۇنداقلا چەتئەللەردىن بۇ مۇراسىملارغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە تولۇق قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، نۇرنىسا خانىم ۋە خالىسە خانىملارنىڭ بۇ خىلدىكى مەدەنىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش خىزمىتىگە يۇقىرى باھالار بەردى. ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى مانا بۇلاردىن بىرىدۇر.
11-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن «ئۆتمۈشنى سېغىنىش» تېمىسىدىكى سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ بۇ پائالىيەتتىن ھاسىل قىلغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشتى.
0:00 / 0:00