ميۇنخېن سەھنىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى ئالقىشقا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

20-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرەك قىلىش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ھەۋەسكارلىرى ئورۇنلىغان نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

20-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرەك قىلىش پائالىيىتىنى ميۇنخېن شەھەرلىك چەتئەللىكلەر مەجلىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، چەتئەللىكلەر مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر ھەۋەسكارلىرىمۇ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئىشتىن سىرتقى ئۇيغۇر سەنئەت ھەۋەسكارلىرى قاتناشقان بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشنى ميۇنخېن شەھەرلىك چەتئەللىكلەر مەجلىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر فولىكلورى تەتقىقاتچىسى نۇرنىسا خانىم ۋە ئۇسۇل ئۇستازى خالىسە خانىملار ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئورۇنلانغان ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى، مەشرەپ ۋە ئۇيغۇر چۆچەكلىرىنى ئاساس قىلغان نومۇرلار پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ زوقىنى كەلتۈردى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيەدە ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقات ۋە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن نۇرنىسا خانىم نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە يىل ئاخىرىغىچە گېرمانىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا پائالىيەتلىرىنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە گېرمانىيەدە تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا، قىزىقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن راھىلە خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەسىرىدىن، تاماشىبىنلارنىڭ رازىمەنلىكىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇندىن 10-15 يىللار ئىلگىرى باشقا مىللەتلەرنىڭ ميۇنخېن سەھنىسىدە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سەنئەت ۋە مەدەنىيەتلىرىنى كۆرەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سەھنىدە يوقلۇقىدىن كۆپ بىئارام بولغانلىقىنى، بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سەھنىنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئېلىپ ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق ۋاقىتقا ئېرىشىپ ئويۇن كۆرسىتىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئىپتىخارلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

پائالىيەت ميۇنخېن شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى تارىخى قىممىتى بىلەن مەشھۇر بولغان ئودىئونس مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تاماشىبىنلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىدى. ئېگىز سەھنە، ئوچۇق مەيداندا ئورۇنلىنىۋاتقان بۇ نومۇرلارنى يىراق-يىراقلاردىكى كىشىلەرمۇ كۆرەلەيتتى. ناخشا سادالىرى ئۇزاقلارغا كېتەتتى. سەبىي ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ نەپىس ئۇسۇللىرىغا قاراپ كىشىلەرنىڭ ئېغزى ئېچىلىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇيغۇرچە ناخشا مۇزىكىلارغا جۆر بولۇپ ئورۇنلىرىدا تولغىنىۋاتقان تاماشىبىنلار ھەر يەردە كۆزگە چېلىقاتتى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى بۇ پائالىيەتتە ئارقا ئارقىدىن بەش نومۇر ئورۇنلاپ، مەيداننى لەرزىگە كەلتۈردى.