ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسىم سەنئىتىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچى، داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت 26-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتتى.
ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى مىڭلىغان كىشىلەرنى قايغۇغا چۆمدۈردى. مەرھۇم غازى ئەمەتنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلانغان مەرسىيە ۋە ئەسلىمىلەر، ئۇ قالدۇرغان نادىر ئىجادىيەتلەر بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار سەھىپىلىرىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالماقتا. مەرھۇم غازى ئەمەتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم بىلەن ئىلگىرى غازى ئەمەت ئەپەندى بىلەن كۆپ قېتىم ھەمكارلاشقان ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار، مەرھۇم سەنئەتكار غازى ئەمەت ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىملىرىدىن «مۇقام»، «غېرىب -سەنەم»، «ئاماننىساخان» قاتارلىقلارنى، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق 11-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك نامايەندىلەرنىڭ پورترېتلىرىنى تونۇمايدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك. بۇ رەسىملەرنىڭ نۇسخىلىرىدىن ھەتتا گېلەملەر توقۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان مىللىي بۇيۇمىغا ئايلانغان. مانا بۇ نادىر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسىم سەنئىتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى ۋە ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى غازى ئەمەت ياراتقان.
غازى ئەمەت ئۇيغۇرلار ھاياتى تەسۋىرلەنگەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خاسلىقى ئىپادىلەنگەن نادىر ئەسەرلىرى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا سىڭگەن، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-مەدەنىي ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان بىر سەنئەتكار. غازى ئەمەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە تەسىرى ناھايىتى زور بىر تۆھپىكار رەسسام. ئۇنى ئۆز ساھەسىدىكىلەر «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىم تارىخىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد رەسساملارنىڭ ئەڭ سەرخىلى»، «ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىمچىلىكىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقۇچى» دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئۇ خىتايدا ئۆزىنىڭ رەسىم ئىجادىيىتىدىكى تالانتى ۋە نەتىجىلىرى بىلەنمۇ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن ۋە خىتاي مەملىكەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان بىر كىشى.
غازى ئەمەتنىڭ مەخمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك ئالىمنىڭ پورتېرىتىنى ياراتقان سۈرىتى كۆپلىگەن ئەللەردە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «مۇقام» ۋە باشقا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر يۈرۈش رەسىملىرى خەلقئارادا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
غازى ئەمەت 1933-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، 1951-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن ۋە بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1954-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1957-يىلى ئوقۇشنى تاماملىغان ھەمدە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۆ ئۆز كەسپىي ئىجادىيىتىدە مول ھوسۇل قازانغان تالانتلىق رەسسام بولۇشتىن سىرت، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر رەسساملىقى ۋە گۈزەل سەنئەت مائارىپىنىڭمۇ ئاساس سالغۇچىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
غازى ئەمەتنىڭ تەربىيەلىشىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن تۈركۈملەپ يېڭى ئەۋلاد رەسساملار يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىمۇ بەلگىلىك شۆھرەت قازانماقتا. ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھازىزمۇ ئەنە شۇ غازى ئەمەت تىككەن، ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسساملىقىدا خاس مېۋە بېرىۋاتقان رەسساملارنىڭ بىرى.
مەرۋايىت خانىم ئۇستازىنى ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل بېشىدا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ بارغاندا كۆرگەنلىكىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىدى. ئۇ ئۇستازى غازى ئەمەتنى «ئادەتتىكى رەسسام ئەمەس، ئۇ ئۆزىگىلا مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر سەنئىتىگە مەنسۇپ بولغان بىر زات،» دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، غازى ئەمەت ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىل يارىتىش سەنئىتىدە ئابىدە تىكلىگەن تالانتلىق تۆھپىكار ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇستازى غازى ئەمەتنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىرى ھەققىدە توختالغان مەرۋايىت ھاپىز خانىم، ئۇستازىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقىمۇ ماھىرلىقىنى، بولۇپمۇ پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ۋە ئوبرازلارنى كۆزىتىش قابىلىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئۈستۈنلۈكنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ غازى ئەمەتنىڭ رەسىم ئىجادىيىتىدە ئاۋامنىڭ زوقلىنىش ئادىتىگە ماسلىشىدىغان ئالاھىدە بوشلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالدى.
كۆپ يىللار «شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى» نى باشقۇرغان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پروفېسسور غازى ئەمەت ئەپەندى ماي بوياق ۋە خىتايچە سۇ بوياق سىزمىچىلىقىدىن باشقا يەنە ھەيكەلتىراشلىق ۋە ھۆسنخەت ساھەسىدىمۇ زور تۆھپىلەر ياراتقان، كۆپ قىرلىق سەنئەتكار.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى زاماندىشى غازى ئەمەتنىڭ ئىجادىي ھاياتىدا يەنە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى، تارىخچىلىرى، مۇقامچىلىرى، مۇزىكانتلىرى ۋە باشقا ساھەدىكى سەنئەتكارلارنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە غازى ئەمەتنىڭ نۇرغۇنلىغان نادىر كىتابلار ۋە يىرىك ئەسەرلەرنىڭ مۇقاۋىسى شۇنىڭدەك قىستۇرما سۈرەتلىرىنى ئىشلەشتە تېگىشلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى مىساللار بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى. قۇربان ۋەلى ئەپەندى رەسسام غازى ئەمەتنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر تارىخىدىكى چىنلىقنى ئىپادىلەشنى نىشان قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتى ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن بىر مەدەنىيەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسىم سەنئىتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى مەرھۇم غازى ئەمەت ھەققىدە تەييارلانغان مەخسۇس پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بۇ تالانتلىق رەسسام ياراتقان بىر قىسىم ۋەكىللىك ئەسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
0:00 / 0:00