ئەسلىمىلەردە رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇ قالدۇرغان ئۆچمەس سۈرەتلەر (2)

0:00 / 0:00

يېتۈك رەسسام غازى ئەمەتنىڭ مەشھۇر نادىر ئەسەرلىرى مەڭگۈلۈك مىراس قالدى. كەسىپ جەھەتتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان ۋە سەنئەت ساھەسىدە ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىگەن بۇ ئۇستازنىڭ ۋاپاتى سەۋەبلىك مەيدانغا كېلىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە ئۇنىڭ كۈچلۈك ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆلمەس نادىر ئەسەرلىرىنىڭ، بىرنەچچە ئەۋلاد ئۇيغۇر رەسساملىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تەرپلىنىۋاتقان بولسا، ئوخشىمىغان سىياسىي دەۋرلەرگە شاھىت بولغان بۇ رەسسامنىڭ 1960-يىللاردىن 70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىچە بولغان، مەدەنىيەت قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن دەۋرلەردە ئىجاد قىلغان، بەزى سىيالسيلىققا ئىگە ئەسەرلىرىمۇ قايتا باھالانماقتا.

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسساملىقىنىڭ نامايەندىسى ۋە ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى غازى ئەمەتنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە، غازى ئەمەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدىكى «ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر» ناملىق كىتابىدا ئاساسلىق ئەسەرلىرى سۈپىتىدە تونۇشتۇرغان بىر قىسىم سۈرەتلەرنى ئاتاپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ «جىنايى ھۆكۈم» ناملىق سۈرىتى خىتاي مەملىكەتلىك گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا يىغىپ ساقلانماقتا، «مەھمۇد قەشقەرى» (1981-يىلى) خىتاي مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەت تەسۋىرىي سەنئەت كۆرگەزمىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ سۈرەت بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا يىغىپ ساقلانماقتا، «مۇقام» ناملىق سۈرىتى (1984-يىلى) 6-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك تەسۋىرىي سەنئەت كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ۋە خىتاي گۈزەل سەنئەت سارىيىدا يىغىپ ساقلانماقتا، ئۇنىڭ يەنە «گىلەم» ناملىق ئەسىرى 1987-يىلى موسكىۋادا كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ ئەسەر خىتايدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ھەمدە ياپونىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا يىغىپ ساقلانغان. غازى ئەمەتنىڭ يەنە «ھەۋەسكەرلار» ناملىق سۈرىتى 1988-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ماي بوياق مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ئەسەر ياپونىيە چىيودا كۇلۇبى ساقلانماقتا. «دولان روھى» (1999-يىلى) 9-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك تەسۋىرىي سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر گۈزەل-سەنئەت خادىملىرىنىڭ قارىشىچە، غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەتلىرى 1980-يىللاردىن باشلاپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈش تېمىلىرىنى ئاساس قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇ 1984-يىلى» مۇقام «ناملىق رەسىمى ئارقىلىق پېرسونازھلار ئىندىۋىدۇئاللىقىنى يارىتىدىغان ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە غازى ئەھمەد بىر يۈرۈش ماي بوياق رەسىملەرنى ئىجاد قىلغان. بولۇپمۇ ئۇ سىزغان 11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر ئالىملىرى ۋە تارىخىي شەخسلەردىن مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئىبارەت مەزكۇر ئىككى زاتنىڭ سۈرىتى كۆپ ئەللەردە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ تارىخىي شەخلەرنىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلەشتىكى مچەسئۇلىيەتچانلىق روھىغا قايىللىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى غازى ئەمەتننىڭ مەخمۇت قەشقىرى ھەققىدە ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئوبرازنى مەيدانغا كەلتۈرۈشدە تارىخىي پاكىتلارغا ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئوبراز يارىتىش جەرياننى ئەسلەپ ئۆتتى.


غازى ئەمەت ئەپەندى يېتىشتۈرگەن ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر رەسساملاردىن گېرمانىيەدىكى مەرۋايىت ھاپىز خانىم بولسا ئۆزىگە ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغان ئىجادىي رەسىمنىڭ «جىنايى ھۆكۈم» ناملىق ماي بوياق رەسىمى ئىكەنلىكى، غازى ئەمەتنىڭ بۇ تارىخىي رەسىمىنىڭ شۇ دەۋرلەردىكى مۇشۇنداق زور توقۇنۇش ۋە كىشىلىك تۇرمۇش تراگېدىيەسىنى تۇنجى بولۇپ خەلققە نامايان قىلالىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ خىل ئىجادىيەت روھىنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقا رەسساملارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئىنتايىن زور بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

يېقىنقى كۈنلەردە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غازى ئەمەت ئىجادىيەتلىرىگە بېرىۋاتقان ئىجابىي باھالىرى بىلەن تەڭ، ئۇنىڭ 1960-يىللاردىن 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان دەۋرلەردە ئىجاد قىلغان بىر قىسىم كۈچلۈك سىياسىۋىلىققا ئىگە ۋە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ سىنىپى كۈرەشنى كۈچەپ تەرغىب قىلغان مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن سىياسىي داۋالغۇچلىرىنىڭ مۇساپىسىنى ئەكس ئەتۈرۈلىدىغان ئەسەرلىرىگە بولغان تەنقىدلەرمۇ مەيدانغا كەلدى. بۇ ھەقتىكى بەزى سەلبىي باھالارغا بولغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن مەرۋايىت ھاپىز خانىم. رەسسامنىڭ ئەسىرىنى يالغۇز رەسسامنىڭ ئىدىيىسىگىلا مەنسۇپ بىر ئىجادىيەت قاتارىدا ئەمەس بەلكى خەلقنىڭ شۇ دەۋردىكى رېئال ھاياتىنىڭ، روھىيىتىنىڭ نامايان بولۇشى، شۇنداقلا ئوخشىمىغان سىياسىي دەۋرلەردىكى سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ خاتىرىسى دەپ مۇئامىلە قىلىش زۆرۈر دەپ قاراش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا غازى ئەھمەدنىڭ ياش چاغلىرى ئىدى، ئۇنىڭ شۇ يىللىرى ئىجاد قىلغان، رەھىمدىللىق بىلەن رەزىللىك، ئەركىنلىك بىلەن مۇستەبىتلىك، پاك مۇھەببەت بىلەن مۇھەببەتنى دەپسەندە قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئېچىپ بەرگەن «غېرىب-سەنەم» ناملىق دۇغ بوياق رەسىمى 1964-يىلىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىستىل تۈزىتىش ۋە سىياسىي كۈرەش ھەرىكىتىدە «خان پادىشاھ، لەشكەر بېشى، ۋەزىر، ئۆلىما ۋە نازىنىنلار مەدھىيەلەنگەن» دەپ قارىلىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەندىمۇ، غازى ئەھمەدنىڭ بەدىئىي ئەقىدىسى تەۋرىمىگەن ئىكەن. غازى ئەمەت بۇ رەسىمنى 1984-يىلى قايتا سىزىپ چىققان ئىكەن.

غازى ئەمەتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسام نەيىمجان ئەپەندى «غېرىب-سەنەم» ۋە «مۇقام» دىن ئىبارەت ئۇستازىنىڭ بۇ ئىككى پارچە رەسىمىدە پېرسونازھلارنىڭ ئوبرازىنى ھېس قىلىش ۋە يارىتىشتىكى ئىنچىكىلىكى ۋە خاسلىقىنىڭ ئۆزىدە ئالاھىدە تەسىر قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە يەنە ئۇنىڭ «جىنايى ھۆكۈم» ھەم ئۇنىڭ ھەمشىرىسى بولغان «ھېساب ئېلىش» ناملىق رەسىملىرى ھەققىدە توختالدى.

نەيىم ئەپەندى يەنە گەرچە يېتۈك رەسسام غازى ئەمەت ئۇستازىنىڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا مەنسۇپ بولغان كىشىگە پۈتمەس-تۈگىمەس لەززەت ئاتا قىلغان ئەسەرلىرىگە ۋە باشقا كەسپىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئوقىسىمۇ، ئەمما ئۇستازى غازى ئەمەت «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرلىرىدە مەيدانغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم ئەسەرلىرىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ يېقىنقى دەۋرلەردىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدەك زور تىراگىدىيىلەردە سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلىشىدەك خەلقنى نائۈمىدتە قويغان تەرەپلىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ سانىلىدىغان سەۋەنلىكلىرىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى مۇلاھىزە قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، غازى ئەمەتنىڭ تەربىيەلىشىدە بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ياش ۋە ياش رەسساملار ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ تونۇتۇش يولىدا ھەر قايسى ئەللەردە ئوخشىمىغان ئۇتۇقلارنى قازانماقتا. ئۇ ئۆز كەسپىي نەتىجىلىرى بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن ئوخشىمىغان سىياسىي تارىخىي دەۋرلەردىكى پەرقلىق ئىجادىيەتلىرى ۋە قالدۇرغان تەجرىبىلىرى، پەزىلەتلىرى ۋە شۇنىڭدەك نۇقسانلىرى بىلەنمۇ كېيىنكىلەرنىڭ كەسپىي ھايات يولىدا تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم بېسىشىغا يول كۆرسىتىدىكەن. غازى ئەمەت يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كەسىپداشلىرى غازى ئەمەتنى «ئۇ ئادەتتىكى رەسسام ئەمەس، ئۇ ئۆزىگىلا مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە رەسسامدۇر» دەپ باھا بېرىدۇ.