ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسىم سەنئىتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى، داڭلىق سەنئەتكار غازى ئەمەت 26-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ۋاپاتى تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە مەتبۇئاتلاردىمۇ خەۋەر قىلىندى، مەرھۇمنىڭ ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
رەسسام غازى ئەمەتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىرلىكتە تۈرك دۇنياسىدىكى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى مىڭلىغان كىشىلەرنى قايغۇغا چۆمدۈردى. تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلاردا مەرھۇم غازى ئەمەتنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلانغان ئەسلىمىلەر، ئۇ قالدۇرغان بەزى مەي بوياق رەسىملىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى. مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار سەھىپىلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئالدى.
تۈركىيەدىكى «سون سۆز» (ئاخىرقى سۆز) گېزىتىنىڭ 29-نويابىر كۈنىدىكى سانىدا سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرىدىن يەھيا ئاقسوي ئەپەندى يازغان «مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: «دۇنياغا مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسام، جان-جىگەر دوستۇم غازى ئەمەت بىزدىن ئايرىلدى. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بۇ خەۋەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى. ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، يېقىنلىرى ۋە سەنئەت دۇنياسى ماتەمگە چۆمدى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى دۇنيا سەنئەت تارىخىدىن ئورۇن ئالدى.»
يەھيا ئاقسوي ئەپەندىماقالىسىدا غازى ئەمەتنىڭ تۈركىيەدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ تۈرك رەسساملارنىڭ ۋە رەسىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئو زاماندىكى تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەمرە كوڭگارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە يەنە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «ئۇ، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىن 1994-يىلى تۈركىيەگە كەلدى. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئەنقەرەدە تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا كۆرگەزمە ئاچتى. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇ ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەمرە كوڭگەر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئايلىنىپ غازى ئەمەتنىڭ ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىرىدىن بىرقانچىنى مىنىستىرلىق مۇزېيىغا سېتىۋالدى. ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە رەسىمى ھازىر ئەنقەرەدىكى رەسىم-ھەيكەل مۇزېيىدا ساقلانماقتا.»
1994-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنقەرەدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، غازى ئەمەت ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرگەزمە ئاچىدۇ. دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى مەزكۇر كۆرگەزمە توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
تۈركىيە قەيسەرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە كەسپى پروسېسسورى دوكتور مۇستافا ئارگۇنشاھ ئەپەندى مەرھۇم سەنئەتكار غازى ئەمەت ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، مۇنداق دېدى: «غازى ئەمەت بىلەن 2008-يىلى مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تونۇشتۇم. ئۇ يىغىندا بىزگە ئۆزى سىزغان رەسىملەرنى تارقاتتى. سىزگىمۇ مەلۇم، ئۇ مەخمۇت كاشىغەرى بىلە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پورتېرىتلىرىنىمۇ سىزغان ئىدى. 2008-يىلى تۈركىيەدە چىققان بىر كالىندارغا ئۇنىڭ مەخمۇت قەشقىرى پورتېرىتى قويۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆز مىلىتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىرى بار. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىدىن ‹مۇقام› نى، ‹مەخمۇت قەشقىرى› ۋە ‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ› قاتارلىق 11-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك نامايەندىلەرنىڭ پورترېتلىرىنى تۈركىيەدە تونۇمايدىغان تۈركولوگ بولمىسا كېرەك. بۇ رەسىملەر ھەممىمىزنىڭ ئىشخانىسىدا بار، تۈركولوگىيە يىغىنلىرىدا ئېسىلماقتا. ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسى رەسىم سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسى زور.»
غازى ئەمەتنىڭ مەخمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك ئالىمنىڭ پورتېرىتىنى ياراتقان سۈرىتى كۆپلىگەن ئەللەردە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «مۇقام» ۋە باشقا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر يۈرۈش رەسىملىرى خەلقارئادا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئىستانبۇلدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاشخانىلاردا ئۇ سىزغان رەسىملەر ئېسىلغان.
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا مەخمۇت قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پورتېرىتى سىزىلغان بولسىمۇ، تۈركىيەدە قوبۇل قىلىنمىدى. غازى ئەمەت سىزغان پورتېرىتلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ياخشى تەتقىق قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ سەنئەت تالانتىنىڭ يۈكسەكلىكىدىن ئىبارەت دەپ قارايمەن».
مەخمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنى رۇس ۋە ئەزەربەيجانچىغا تەرجىمە قىلغان، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتاتقۇبىلىك» ناملىق ئەسىرى توغرىسىدا كۆپ ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ئەزەربەيجاندىكى باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور رامىز ئاسكەر ئەپەندى تونۇلغان رەسسام غازى ئەمەت سىزغان تارىخى شەخسلەر پورتېرىتىلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندىمۇ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، قىرغىزلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر سىزغان تارخىي پورتېرىتىلەرنىڭ كۆپرەك قىزغىزلارغا ئوخشىتىپ سىزىلغان، تارىخىي چىنلىقتىن ئۇزاق بولغاچقا قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «غازى ئەمەت تونۇلغان رەسسام ئىدى، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىجادىيىتى بار. ئەمما ئۇنىڭ مەخمۇت قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پورتېرىتىلىرى توغرىسىدا توختالماقچىمەن. بۇ ئىككى شەخسنىڭ رەسىملىرىنى بەك ياخشى سىزغان. بۇ ئىككى شەخس تۈرك دۇنياسىنىڭ بەك مۇھىم شەخىسلىرى. ئۇلار ياشىغان مەزگىلدە رەسىم يوق. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە غازى ئەمەت بۇلارنىڭ رەسىمىنى سىزغان. قىرغىز رەسساملارمۇ سىزدى. غازى ئەمەت ئۇ زاماننىڭ تارىخىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولغان بىر چىرايدا سىزغان. قىرغىز رەسسام بولسا يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قىرغىزلارغا ئوخشىتىپ سىزغان. شۇڭا تۈركولوگلار غازى ئەمەت سىزغاننى قوبۇل قىلدى.»
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى غازى ئەمەت ئەپەندى سىزغان رەسىملەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشقا قوشقان تۆھپىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زور بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
غازى ئەمەت 1933-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، 1951-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن ۋە بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1954-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1957-يىلى ئوقۇش ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ ئۆز كەسپىي ئىجادىيىتىدە مول ھوسۇل قازانغان تالانتلىق رەسسام بولۇشتىن سىرت، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر رەسساملىقى ۋە گۈزەل سەنئەت مائارىپىنىڭمۇ ئاساس سالغۇچىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ «ئۈزۈم پىشتى»، «ئاماننىساخان»، «مۇزىكا مەستانىلىرى»، «ئوغلاق تارتىشىش»، «سەنەم»، «ئاتۇش ئۇسسۇلى»، «دولان رۇھى»، «كۈچ سىنىشىش»، «مۇقامچىلار»غا ئوخشاش كۆپ ساندا ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ غازى ئەمەتنى دۇنياغا تونۇلغان رەسسامغا ئايلاندۇرغان ئىكەن.
0:00 / 0:00