قازاقىستاندا سەنئەت ئەربابى غازى ئەمەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئاتاقلىق رەسسام، سەنئەت ئەربابى غازى ئەمەتنىڭ ئىسمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياخشى تونۇش.

رەسسامنىڭ كۆپلىگەن ئەمگەكلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «مۇقامچىلار» ناملىق مۇنەۋۋەر ئەسىرى، شۇنداقلا ئۇلۇغ نامايەندىلەر مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىبلارنىڭ پورترېتلىرى ۋە باشقىلار ئەڭ كۆپ تارالغان ئەسەرلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. غازى ئەمەتنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە شۇم خەۋەر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئېغىر قايغۇغا چۆمدۈردى. يېقىندا جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە پروفېسسور ئابدۇللاجان سامساقوفنىڭ غازى ئەمەت ھەققىدە يازغان «ئەل دىلىنى تەسۋىرلىگەن رەسسام» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ تەزىيەسى بېرىلدى. 3-دېكابىردا بولسا، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئاكادېمىيەلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ مەجلىس زالىدا رەسسامغا بېغىشلانغان خاتىرە كېچىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنى قازاقىستان ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ «دۇنيا ئارت» زامانىۋى سەنئەت گاللېرىيەسى(كۆرگەزمىخانىسى) ئۇيۇشتۇردى.

خاتىرە كېچىسىنى ئاچقان «دۇنيا ئارت» زامانىۋى سەنئەت گاللېرىيەسىنىڭ مۇدىرى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان گۇلىيېف مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ھەم غازى ئەمەتنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتىدىكى ئورنى ھەققىدە توختالدى. دىنى زات دىلمۇرات ھاجىم مەرھۇمغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇغاندىن كېيىن، غازى ئەمەتنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان فىلىم كۆرسىتىلدى. ئاندىن رەسسامنىڭ ئۆمۈر بايانى ھەققىدە پروفېسسور ئابدۇللاجان سامساقوف دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە غازى ئەمەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئورنىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئا. سامساقوف پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇنداق مۇسىبەت كۈنلىرىدە قازاقىستاندىن بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، ئاتاقلىق رەسسامنىڭ نامىزىغا قاتنىشىش، ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىش ئىستىكىدە بولغانلىقىنى، ئەمما ۋىزا سەۋەبىدىن بۇنىڭغا ئىمكانىيەتنىڭ بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئا. سامساقوف رەسسامنىڭ يورۇققا چىققان بىر قاتار توپلاملىرىنى تونۇشتۇردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان رەسسام رۇسلان يۈسۈپوف غازى ئەمەتنى ئۆزىنىڭ ئۇستازى دەپ بىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ غازى ئەمەتنىڭ ياشلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى دائىم ئەسكەرتىپ كەلگەنلىكىنى ھەم ئۆزىنىڭمۇ بۇنىڭدا ئۈلگە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غازى ئەمەتنىڭ ساۋاقدىشى ئابلىز غوپۇر غازى ئەمەتكە ئوخشاش رەسساملارنىڭ دۇنيادا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ئادەتتىكى رەسسام ئەمەس. ئۇ ھەم رەسسام، ھەم شائىر، ھەم يازغۇچى، ھەم ئارخىتېكتور، ھەم خەتتات. ئۇنىڭ تالانتى شۇنچىلىك كۆپكى، بۇ ئادەم ئارقىلىق بىز قانچە ماختانساق ماختىنالايمىز. ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرىدىن ئۆزىمىزنى كۆرىمىز. بۇ ئادەمنىڭ قەلبى ناھايىتى تازا، مىللىتىنى ياخشى كۆرىدۇ».

ئا. غوپۇر غازى ئەمەتنىڭ كىچىكىدىن يېتىملىقنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقانلىقىنى، جېنىنى بېقىش ئۈچۈن ھەر خىل ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، غازى ئەمەت خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن قاتتىق زەرداب چەككەن، ھەر خىل سىياسىي قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ، كۆپ ئازاب تارتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى گۈلۋانەم توختاخۇنوۋانىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى مىللەت سۈپىتىدە تونۇتقاندىلا، غۇرۇرىنى كۈچلەندۈرگەندىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قالدۇرغان ئامانەتلىرىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئۇ شۇ ئامانەتلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغ نامايەندە غازى ئەمەتكە بېغىشلانغان مۇنداق پائالىيەتلەرگە بولۇپمۇ ياشلارنى كۆپرەك جەلپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى، مۇنداق پائالىيەتلەرنى بۇنىڭدىنمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆتكۈزۈش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رەسسام ھاكىمجان گۇلىيېف غازى ئەمەتنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتىدىكى ئورنىنىڭ بۆلەكچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز ھەر خىل دۆلەتلەردە ياشاۋاتىمىز. بۇ دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈزۈمى، ئىجتىمائىي ئەھۋالى، سىياسىتى ھەر خىل. شۇنىڭغا باغلىق سەنئەت تۈرلىرىمۇ ھەر خىل يوسۇندا تەرەققىي قىلىدۇ. بىزدىمۇ شۇنداق بولغان. ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتىنى بىرىكتۈرسەك، ھەممىمىزنىڭ تومۇرى بىر».

ھاكىمجان گۇلىيېف غازى ئەمەتنىڭ شۇنىڭغا قارىماي، ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، مۇڭ-زارىنى تەسۋىرلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ رېئالىستىك تەسۋىرلەشنىڭ ئەڭ چوققىسىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ شۇنداقلا غازى ئەمەت قول يەتكۈزگەن دەرىجىگە باشقا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ھازىرغىچە يەتمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئىنتايىن يۇقىرى باھالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.