بىرىنچى قىسىم: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كېلەچىكى
بىر خەلقنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئۆتمۈش ۋە بۈگۈندە تۆلەنگەن بەدەللەر ھامان ئۇلارنىڭ كېلەچىكىگە سېلىنغان مۇستەھكەم ئۇل بولۇپ قالىدۇ. دەرۋەقە، غەرب ئەللىرىگە قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇھاجىر توپلۇقلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە جامائەت بولۇپ ئۇيۇشۇشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىدى.
گوللاندىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەيسا ساۋۇت قارىم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بىر شەرت بىلەن مۇھاجىرەتتە كۈنسايىن زورىيىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كېلەچىكى پارلاق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. يەنى ‹قۇرئان كەرەم› دە ھەرقانداق بىر مىللەت ياكى بىر قوۋم ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللا ئۇلارنى ئۆزگەرتمەيدۇ، دېيىلگەن. شۇڭا غەرب ئەللىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە چىقىشى، ئۆز مەسىلىلىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلالىشى ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەرنىڭ سىستېمىسىغا يېتىشىپ مېڭىشى لازىم. ئەگەردە ئۆز كېلەچىكىمىزنى ‹غەرب ھەل قىلىپ بېرىدۇ› ياكى ‹شەرق ھەل قىلىپ بېرىدۇ›، دەپ باشقىلارغا ئىقتىدا قىلىپ ياشايدىغان بولساق، بۇنداق پاسسىپ توپلۇقتا ھېچقانداق ئۈمىدنىڭ ئۇچقۇنى قالمايدۇ. چۈنكى كېلەچىكىمىزنىڭ بىرىنچى ساھىبى شۇنداقلا مەسئۇلىيەتنىڭ بىرىنچى ئىگىسى باشقىلار ئەمەس، بەلكى دەل ئۆزىمىز، ئەلۋەتتە.»
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق دىنىي ئۆلىما ۋە جامائەت ئەربابى، مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بۇنىڭدىن بىر يىل مۇقەددەم زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۆيىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن ئىدى: «بۇ جەھەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئىككى تۈرلۈك خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىرى ئۇلاردا توغرا ۋە مۇستەھكەم بولغان ئىسلامى ئېتىقادنى تۇرغۇزۇش لازىم. يەنە بىرى، پارلاق تارىخقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلاردا كۈچلۈك مىللىي روھنى تۇرغۇزۇش لازىم. مۇشۇ ئىككى قالقان بولغاندىلا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى، مەيلى قايسى ئەلدە ياشىمىسۇن ياكى قانداق مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچراشمىسۇن، ئۆز كىملىكى ۋە كېلەچەكتىكى مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
گېرمانىيەدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن گۈلنار خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەسىلىدە نېمە دەيمىز؟ راستنى دېسەم بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز بەك كۆپ. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىز بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى تۇرمۇش، يەنى تىرىكچىلىك ئالدىغا سېلىۋالدى. بىز تىرىكچىلىك غېمى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بالىلىرىمىز، ياشلىرىمىزغا كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالمىدۇق. ئۇلارغا ئۆز مەدەنىيىتىمىز، مىللىي ئەنئەنىمىز ۋە ئۇدۇم-ئادەتلىرىمىز ھەققىدە تولۇق تەربىيە بېرەلمىدۇق. مانا ئەمدى بۇ جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمىزنىڭ بوشلۇقى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ھازىرمۇ كېچىكمەيمىز. ئەگەردە مۇھاجىرەتتىكى جامائىتىمىزنىڭ زەنجىرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز، يەنى كېلەچىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ياشلىرىمىزغا بولغان مىللىي ۋە دىنىي تەلىم-تەربىيەنى ھېچۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم، دەپ ئويلايمەن.»
ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى بىرلىكنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بەزى ماھىيەتلىك سان-سىپىر ۋە ئېستېتىكىلىق مەلۇماتلاردا بىردەكلىكنى ساقلىيالمىغانلىقى، ئىلمىي ھەم پاكىتلىق ئاساسلارنى سىستېمىلىق قوللىنالمىغانلىقى، ھەر خىل سورۇنلاردا ھەر خىل باياناتلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر دەۋاسى بويىچە خەلقئاراغا ئاڭلىتىلىدىغان ئورتاق ئاۋازنىڭ بولمىغانلىقىنى تەنقىدىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ.
گېرمانىيەدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن ميۇنخېن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ئىپتىخار ئىليار بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «بۇ مەن ئۈچۈن جاۋاب بېرىش تەس بولغان بىر سوئال. بەلكىم بۇ مەسىلىدە ساھىبخان دۆلەتلەر بىلەن دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر تولۇقلىرىنىڭ مىللىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقلىرىنىڭ يىراق يېقىنلىق ئامىللىرى ھالقىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن. مەسىلەن، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە تۈركلىشىش ھادىسىسى ناھايىتى ئېغىر. چۈنكى تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تىل، قان-قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە چوڭ پەرق مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىنى تېزلەتكەن. ئەمما گېرمانىيەدە گېرمانلار بىلەن بىزنىڭ مەدەنىيەت پەرقىمىز بەكمۇ چوڭ. شۇڭلاشقا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى پات يېقىندا پۈتۈنلەي گېرمانلىشىپ كېتىدۇ، دەپ قارىمايمەن. چۈنكى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانلارغا قارىغاندا بۇ يەردىكى كۆچمەن تۈركلەر ياكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى زىچراق، دەپ ئويلايمەن.»
گوللاندىيەدىكى «تۈرك ئۆيى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، جەمئىيەتشۇناس ۋەيىس گۈنگۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەرنىڭ سىستېمىسىغا كىرىشىشى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىكەن. چۈنكى ئۇلار بىلەن ياۋروپا مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي ۋە پسىخولوگىيىلىك پەرقلەر خېلى زور بولۇپ، بۇ جەھەتتە ياۋروپادىكى تۈرك توپلۇقلىرىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك مۇھاجىرەت تەجرىبىلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئۆرنەك بولالايدىكەن.
قەمەرىدىن قاينام - گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئەڭ ئازابلىق ئىزدەنگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بىرى. ئۇ ياۋروپاغا دەسلەپ كەلگەن يىللىرىدا ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئارىلىقىدا قىيىن تاللاشقا قالغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئازابىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. ھەتتا تۈركىيەگە كۆچۈپ كېتىشنىمۇ ئويلايدۇ. ئەمما كۈنسايىن ئۇيۇشۇشقا قاراپ ماڭغان ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن قېرىنداش تۈرك توپلۇقلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئۇنىڭغا كۈچ بېرىدۇ. ئۇ پەرزەنت تەربىيەسىگە قانچىلىك كۆپ ۋاقىت بەرگەنسېرى، ئۆزىدە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچنىڭ شۇنچىلىك زورىيىپ ماڭغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار،
يۇقىرىدا «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك رادىئو پروگراممىسىنىڭ «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كېلەچىكى» ناملىق ئەڭ ئاخىرقى قىسمىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىنى ئاڭلىدىڭلار. بۇ ھەقتىكى ئاڭلىتىشىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمى داۋاملىق دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
(داۋامى بار)