بىرىنچى قىسىم: ئافغانىستانغا سەپەر (ئا)
1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1950-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق مۇساپىرلار مەسىلىسى ئەينى چاغدىكى دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى 1952-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۈركىيەگە كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىدۇ. قەپ قالغان قىسمى پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرىگە كېتىدۇ.
ھالبۇكى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈرگۈزگەن بىر قاتار يۇقىرى بېسىملىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى يەنە چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
1950-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق مىللىي سىياسىتى مەزكۇر رايونلاردا جىددىيچىلىك پەيدا قىلىدۇ. 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتايدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاچارچىلىق يۈز بېرىدۇ. شۇ يىللاردا يەنە خىتاي بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدۇ. ئېغىر دىپلوماتىك كرىزىسقا پاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ئاسىيا، ئافرىقىدىكى 3-دۇنيا ئەللىرىدىن ئۆزىگە ئىتتىپاقچى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ. دەل مۇشۇ مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستان بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ بىرقانچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ ئافغانىستانغا كۆچۈپ كېتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلايدۇ.
سېيىت رىزۋان تۈمتۈرك قەيسەرىدىكى «تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى» (بۈگۈنكى «ئەھمەت يەسەۋىي مەھەللىسى») دە ياشاۋاتقان بىرىنچى ئەۋلاد كۆچمەن ئۇيغۇرلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ پېشقەدەم ئۇيغۇر بوۋاي بۇنىڭدىن 55 يىل بۇرۇنقى ئافغانىستانغا كۆچۈش تارىخى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يۇرتىمىزنى ئىدارە قىلغان كۈندىن ئېتىبارەن بىزدە خاتىرجەملىك بولمىدى. 1950-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۆز يۇرتىمىزدا خاتىرجەم ياشايدىغان ھېچ بىر ئىمكانىيەت بولمىدى. 1958-1959-يىللىرى خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي ئافرىقا زىيارىتىدىن كېيىن ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىدۇ. كېيىنكى يىلى ئافغانىستان ۋەكىللىرى بېيجىڭغا بارىدۇ. ئەنە ئاشۇ ئۇچرىشىشلار داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى گېزىتتە ئېلان قىلىدۇ. شۇ مەزگىللەردە ئافغانىستانغا كۆچۈپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلغان نەچچە يۈزلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئىلتىماسى تۇيۇقسىزلا تەستىقلىنىپ ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ئەسلىدە « قۇشمۇ ئۇچۇپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان» خىتاي چېگراسى بىردىنلا بىزگە ئېچىپ بېرىلدى. ئاچارچىلىق زامانى بولغاچقا ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن ئېشەك، ھەر نوپۇسقا 50 دانە گىردە نان سېتىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە يۈزلىگەن مۇساپىرلار بىرقانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئافغانىستانغا سەپەر قىلدۇق.»
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەمرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندىمۇ ئەسلىمە تەقدىم قىلىپ، ئەينى چاغدىكى قىيىن شارائىتتا ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئافغانىستان يولىنىڭ قانداق ئېچىلغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە، شۇ يىللاردا ئافغانىستاننىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مۇھەممەت داۋۇتخان خىتايغا قىلغان سەپىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ئافغانىستانغا كۆچۈپ كېتىش ئىلتىماسىمىز بىردىنلا تەستىقلىنىپتۇ. مەن شۇ چاغدا ئاران 8 ياشتا ئىدىم. مېنىڭ ئىنىم خەيرۇللا بىلەن سىڭلىم بەك كىچىك بولغاچقا، ئۇلارنى سېۋەتكە سېلىپ ئات، ئېشەككە ئارتىپ ماڭغانلىقى ئېسىمدە. بىر كۈنى پامىر تېغىدا گىلەم، يوتقانلارغا پۈركۈنۈپ ئۇخلىغان ئىدۇق، ئەتىسى ئويغانساق، ئۈستىمىزنى قېلىن قار باسقانلىقىنى ھازىرمۇ ئەسلەيمەن...»
بۈگۈن چاچ، ساقاللىرى ئاقارغان مۇھەممەتخان ئەرگىنەقۇن ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئۆيىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا 1961-يىلىدىكى ئافغانىستانغا قىلغان ھىجرەت مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ 18 ياشلىق بىر يىگىت ئىكەنلىكىنى، تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن ۋەتەننى تەرك ئەتكەن بۇ سەپەردە 83 كۈنلۈك يول ئازابى تارتىپ كابۇلغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
قەيسەرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» دە باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇلھەمىد سەلچۇق ئەپەندى 1961-يىلى ئاتا،ئانىسى بىلەن بىللە، تۇغۇلغان يۇرتى يەكەن دىيارىدىن ئايرىلىپ ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق بالا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى: «مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇلھېكىم، فامىلەم سەلچۇق. مەن يۇرتتىن ئايرىلىپ ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغان يىللاردا 6 ياشتا ئىكەنمەن. شۇڭا ھىجرەتنىڭ مۇشەققەتلىك جەريانلىرىنى تولۇق ئەسلىيەلمەيمەن. ھازىر 60 ياشقا كىردىم. بىزنىڭ ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغىنىمىزغا بۇ يىل 55 يىل، تۈركىيەگە كەلگىنىمىزگە توپ-توغرا 50 يىل بولدى.»
قەيسەرىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن ھازىر «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» دە ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان رابىيە ئىلكتۈرك خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مېنىڭ ئاتا، ئانام 1961-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغان ئىكەن. ئۇ يەردىن 1965-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ يەرلىشىپتۇ. مەن قەيسەرىدە تۇغۇلغان، 2-ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن بولىمەن. كىچىكىمدىن تارتىپ ئاتا،ئانامنىڭ ئېغىزىدىن ئافغانىستان ۋە تۈركىيەگە قىلىنغان ھىجرەت ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم.»
ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئاتا، بوۋىلىرىنىڭ 1961-يىلىدىكى ئافغانىستان ھىجرىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئاشۇ قېتىملىق ئافغانىستان ھىجرىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
(داۋامى بار)