بىرىنچى قىسىم: ياۋروپادا ئىگىلىك تىكلەش
تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-ۋە 60-يىللىرىدا ياۋروپا ئەللىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بىر ئىجتىمائىي توپلۇق سۈپىتىدە ئىگىلىك تىكلىشى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلىنىدۇ.
شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىپ كېلىشى ئالدى بىلەن دۆنەر چىقىرىدىغان تۈرك تېز تاماقخانىلىرىنى ۋاسىتە قىلغان ئىكەن.
ميۇنخېندىكى «تەكلىماكان» رېستورانىنىڭ خوجايىنى رەخىم تۇرسۇن ئەپەندى ياۋروپادا ئەڭ دەسلەپ ئاشخانا ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ميۇنخېندىكى ئوننەچچە يىللىق ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە ئىشنى ئەڭ ئالدى بىلەن دۆنەر دۇكىنىدىن باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
رەخىم ئەپەندى بۇنىڭدىن 13 يىل بۇرۇن، يەنى 2003-يىلى بىر دوستى بىلەن ھەمكارلىشىپ ميۇنخېندىكى بىر ئىتالىيانچە رېستوراننى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى، كېيىنچە ئۇنى ئۆزگەرتىپ تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە تاماق چىقىرىدىغان ئاشخانا قىلىپ سىناپ كۆرگەنلىكىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.
ميۇنخېندىكى «تەڭرىتاغ» ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ ئايال خوجايىنى گۈلنار خانىم ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى تەۋەككۈلچىلىككە تولغان كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن ئىشنى دۆنەر چىقىرىشتىن باشلىماقچى بولدۇق. چۈنكى بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دۆنەر ۋە باشقا تۈركچە تېز تائاملارنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇيغۇرچە تائاملارنى بىلىپ كەتمەيدۇ. بىراقلا ئۇيغۇرچە تاماق چىقىرىدىغان رېستوران ئېچىش گېرمانىيەگە نىسبەتەن بىر چوڭ تەۋەككۈلچىلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز دەسلەپ بۇنداق زور تەۋەككۈلچىلىككە جۈرئەت قىلالمىدۇق. ئالدى بىلەن خېرىدارلارغا تونۇشلۇق بولغان دۆنەر ۋە باشقا تېز تائاملارنى چىقىرىپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا ئۇيغۇرچە تائاملارغا يۈزلەندۈرۈشنى ئويلاشتۇق. چۈنكى بۇنداق زور مەبلەغ كېتىدىغان ئاشخانا تىجارىتىدە بىرىنچى قەدەمدىلا يىقىلىپ چۈشسەك، بۇ يەردە بىزنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويىدىغان تۇغقانلىرىمىز يوق. شۇڭا دەسلەپكى قەدەمنى ئېھتىيات بىلەن بېسىشقا توغرا كەلدى.»
گۈلنار خانىم يەنە ميۇنخېندىكى «تەڭرىتاغ» رېستورانىنى رەسمىي ئېچىشتىن بۇرۇن ئايلارچە تەييارلىق قىلغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى رېستوراننىڭ ئېلان ۋە تەشۋىقاتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
رەخىم ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە نۆۋەتتە ميۇنخېن شەھىرىگە خېلى تونۇلغان، خېرىدارلىرى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتقان «تەكلىماكان» رېستورانىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىدىغان يىللىق باج سوممىسىنىڭ 200 مىڭ ياۋرودىن ئاشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
گۈلنار خانىممۇ «تەڭرىتاغ» ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلىشتىن بۇرۇن قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ زور تىرىشچانلىقلار بىلەن دەسلەپكى قەدەمنى پۇختا سالغانلىقىنى، ھەتتا شەخسەن ئۆزىنىڭ كوچىمۇ-كوچا يۈرۈپ 500 تالدىن كۆپرەك ئېلاننى تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
رەخىم ئەپەندى ميۇنخېندىكى «تەكلىماكان» رېستورانى ئېچىلغان دەسلەپكى يىللاردا خېرىدارلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتايلار ۋە باشقا كۆچمەن مىللەتلەردىن بولغانلىقىنى، ئارىدىن ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە 50% تىن كۆپرەك خېرىدارنىڭ يەرلىك گېرمانلاردىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە «ئۈرۈمچى» ئۇيغۇر رېستورانىنى ئېچىپ تىجارەت باشلىغان زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئاشخانا تىجارىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نوقۇل ئىگىلىك تىكلەش يولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئەڭ روشەن كۆزنەك بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، ميۇنخېندىكى 200 ئائىلىگە يەتمەيدىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نۆۋەتتە رېستوران ۋە ھەر خىل سودا-سېتىق ئورۇنلىرى بولۇپ 40 قا يېقىن دۇكاننى ماڭدۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە گېرمانىيە ئۈچۈن باج تۆلەپ ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى پەخىرلىنىش ئىلىكىدە تىلغا ئالدى.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00