غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (6A)

0:00 / 0:00

بىرىنچى قىسىم: مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللەر

مۇھاجىرەت ھاياتىنى ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، چەتئەللەردە، بولۇپمۇ ئىككىنچى ۋەتەن سۈپىتىدە يەرلەشكەن يات ئەللەردە پۇت دەسسەپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى نۇرغۇن بەدەل تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇيغۇر مۇھاجىرلار غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ ياش بىر ئىجتىمائىي توپلۇق بولۇشىغا قارىماي، ئۆزلىرى يەرلەشكەن ئىككىنچى ۋەتىنىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ھەركىم ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىي ساھەلەردە بىر كىشىلىك ئورۇن تۇتۇش ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ زور بەدەللەرنى تۆلىدى.

دەرۋەقە، يات تۇپراقتىكى ھەرقانداق بىر مۇۋەپپەقىيەت ياكى ئېرىشىش بەدەلسىز بولمايدۇ. شىۋېتسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق دوختۇرخانىلىرىدىن بىرى بولغان كارولىنىسكا ئىنستىتۇتىنىڭ بۆرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دوختۇر بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئامانگۈل قاسىم كەسپىي مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بەدەلسىز بولمايدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.

ئامانگۈل قاسىم بۇ يىل يانۋارنىڭ سوغۇق بىر يەكشەنبە كۈنى سىتوكھولمدىكى ئۆيىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىزدىنىش يولىدا تۆلىگەن بەدەللىرى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئېغىز ئاچتى.

ئۇ ئۇزاق مەزگىللىك جاپالىق جەريانلاردىن كېيىن شىمالىي ياۋروپادىكى بۇ ئەڭ ئالىي مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدا ئاق خالاتنى كىيگەن مىنۇتلىرىدا ئۆزىنىڭ بىر دوختۇر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىدە ھەم ئۇيغۇرلارغا ھەم مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ.

ئابدۇرەھىمجان گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى.

تەقدىرنىڭ سوغۇق شاماللىرى ئۇنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىپ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بويىدىكى بۇ كىچىك ئەلگە ئېلىپ كەلگىنىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقا ھەرقانداق بىر مۇساپىرغا ئوخشاش بۇ يات ئەلدە بىر مەھەللىك تېڭىرقاش، گاڭگىراش ۋە تىپىرلاش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەڭ قىيىن كۈنلەردىمۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كەسىپ ساھەسىدە ئوقۇش ۋە بىر كىشىلىك ئورۇن تېپىش يولىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ئابدۇرەھىمجان گوللاندىيەدىكى كەسپىي ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە تېخىمۇ رىقابەتكە تولغان خىزمەت ئىزدەش جەريانىنى باشلايدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا نەچچە يۈزلىگەن ئورۇنلارغا ئىلتىماس يازغانلىقىنى، نەچچە ئونلىغان شىركەتلەردىن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە چاقىرتىلغانلىقىنى، ئەمما ھەر قېتىمدا شاللىنىپ ماڭغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبە قىلىدۇ. يېرىم يولدا ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ. گوللاندىيەنىڭ ئۇترېخت شەھىرىدىكى بىر چوڭ شىركەتكە رەسمىي تەتقىقاتچى خادىم بولۇپ ئىشقا چۈشكىنىدە ئۆزىنىڭ ئاز بولمىغان بەدەللەر ئارقىلىق بۇ ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

ئابدۇرەھىمجان ئۆزىنىڭ گوللاندىيەدە كۆڭۈلدىكىدەك بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشىدە تىنىمسىز ئىزدىنىش، بەل قويۇۋەتمەسلىك، ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن ئۈمىدسىزلىك ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ زور تەجرىبە ۋە كۈچ ئېلىشتەك روھىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى ھاۋاخان راخمان شىمالىي ياۋروپادىكى بىرقانچە دۆلەتتە تېببىي ساھەدە جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى.

ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئىزدىنىش يولى ھەققىدە ئەسلىمە قىلغىنىدا، نۆۋەتتە شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى كارولىنىسكا ئىنستىتۇتىنىڭ سېلىشتۇرما دورىگەرلىك بۆلۈمىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مېدىتسىنا تەتقىقاتى توغرىلىق ئالاھىدە توختىلىدۇ.

دوكتور ھاۋاخان راھمان ئۆزىنىڭ شىمالىي ياۋروپادىكى تەتقىقات ھاياتىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە سۆزلىگىنىدە نوقۇل كەسپىي ساھەدىكى قىيىن ئۆتكەللەردىن سىرت يەنە تىل ئۆتكەللىرىنىڭ، جۈملىدىن مېدىتسىنا ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان كەسپىي ئىنگلىز تىلى، دانىيە تىلى، شىۋېت تىلى نورۋېگ تىلى قاتارلىق توسالغۇلارغىمۇ دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

شىمالىي ياۋروپادىكى بىرقانچە دۆلەتنىڭ مېدىتسىنا ئىنستىتۇتلىرىدا ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور ھاۋاخان راخمان ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان تىل مۇھىتىغا قانداق قىلىپ ماسلاشقانلىقى ۋە تىل قىيىنچىلىقلىرىنى قانداق قىلىپ يەڭگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلارمەنلەرگە ھېكايە تەقدىم قىلىدۇ.

(داۋامى بار)