غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (6B)
2016.06.30
ئىككىنچى قىسىم: مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللەر
ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر توپلۇقلىرى ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان بىر قىسىم بىلىم ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ساھەدىكى ئاجايىپ تىرىشچانلىقى ۋە قايتماس ئىرادىسى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل سەھىپىلىرىنى ياراتتى.
شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى كارولىنىسكا ئىنستىتۇتىنىڭ سېلىشتۇرما دورىگەرلىك بۆلۈمىدە مېدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور ھاۋاخان راخمان ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك كەسپىي ئىزدىنىش ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە چوڭقۇر ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ.
ئۇ 1979-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن بۇيان ھازىرغىچە تېببىي ساھەدە 37 يىللىق ئوقۇش ۋە ئىزدىنىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. 35 ياشقا كىرگەندە تېببىي پەنلەر بويىچە ماستېرلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇ 40 ياشقا يېقىنلاشقاندا دانىيەنىڭ ئارخۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلايدۇ. 2001-يىلىدىن ئېتىبارەن تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر شىمالىي ياۋروپادىكى دانىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ كەسپىي ساھەدىكى ھەرقانداق بىر ئىنساندا ئەگەر ئۆز كەسپىگە بولغان ئوتتەك مۇھەببەت بىلەن تىنىمسىز تىرىشچانلىق بولغىنىدا يەتكىلى بولمايدىغان نىشاننىڭ بولمايدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشىنىدۇ.
ئۆزى ياخشى كۆرگەن كەسپى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش، ئۆز كەسپى ساھەسىدە تىنىمسىز ئىزدىنىش، يېرىم يولدا ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەسلىك ئابدۇرەھىمجان غېنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدىكى ئۆزىگە خاس پرىنسىپىدۇر.
نۆۋەتتە گوللاندىيەدىكى بىر خەلقئارالىق چوڭ شىركەتتە تۇپراق ئانالىزچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇرېھىمجان ئۆز كەسپىي ساھەسىدە ئوقۇش ۋە خىزمەت تېپىش جەريانىدا مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاشلا ئۈمىدسىزلەنگەن، گاڭگىرىغان چاغلىرىنىڭ بولغانلىقىنى، ئەمما ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە غەرق بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى، بەلكى تېخىمۇ زور چىدام بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
غەيرەت ۋە چىدام شۇنداقلا ئۆز تاللىشىغا ئىشىنىش ئاخىرقى ھېسابتا ئابدۇرەھىمجاننىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىد شامىنى پارلىتىدۇ. نۇرغۇن قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن يىقىلىپ قوپقان، ئۆز نىشانىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن ئابدۇرېھىمجان ئالدىنقى يىلى گوللاندىيەدىكى بىر چوڭ شىركەتتىن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە چاقىرىتىلىدۇ.
دېگەندەك، ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلىدۇ. مۇھاجىرەت ھاياتىدا دۇچ كېلىدىغان بارلىق ئىسسىق-سوغۇقلارنىڭ ھەممىسىنى تېتىپ كۆرگەن، ئەمما ئەڭ قىيىن پەيتلەردىمۇ ئۆز نىشانىدىن ۋاز كەچمىگەن ئابدۇرەھىمجان 2015-يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا گوللاندىيەدىكى مەزكۇر خەلقئارالىق شىركەتتە تۇپراق ئانالىزچىسى سۈپىتىدە ئىش باشلايدۇ.
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ قارامايدىكى بىر دوختۇرخانىدا بۆرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن ئامانگۈل قاسىم مۇھاجىرەتتىكى رىقابەتكە تولغان ھاياتتا ئۆز كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چۈشتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدۇ.
ئۇ بۇ يولدا يىللارچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مېدىتسىنا كەسپىگە ئەڭ قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان شىۋېتسىيەدە ئاخىرى بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ ئالىي مېدىتسىنا ئورنى بولغان كارولىنىسكا ئىنستىتۇتىغا خىزمەتكە كىرىپ، بۆرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولىدۇ.
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «تەڭرىتاغ» ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ ئايال خوجايىنى گۈلنار خانىم گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشلىرىدا ئەڭ ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ئاياللىرىنىڭ بىرى.
ئۇ ئۆزىنىڭ گېرمانىيەدىكى ھايات مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىدە ھەر خىل قازانلاردا قايناپ، مۇساپىرەتتىكى كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئوخشاشلا ئىنتايىن مول ھايات تەجرىبىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
گۈلنار خانىم ئۆزىنىڭ گېرمانىيەگە دەسلەپ كەلگەن يىللىرىدا ئۆز كەسپى بولغان بوغالتىرلىق ساھەسىدە ئوقۇغانلىقىنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت ئىزدەپ يۈزلەرچە ئۇرۇنغان ئىلتىماس يازغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرىدا بىر فېرمىدا مائاشسىز پراكتىكا قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شۇ شىركەتتىن ئىش تاپقانلىقىدەك تەجرىبىسىنى ئاڭلارمەنلەر دىققىتىگە سۇندى.
(داۋامى بار)