بىرىنچى قىسىم: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا نىكاھ ۋە توي
مۇھاجىرەتتە، جۈملىدىن غەرب دۇنياسىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھاياتىدا نىكاھ ۋە توي ئادەتلىرى قانداق داۋام قىلىۋاتىدۇ؟ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى بۇ چوڭ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى؟
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىغا قىزىقىدىغان كىشىلەر بىلەن جەمئىيەتشۇناسلار بۇ مەسىلىدە ئەڭ ئالدى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ ۋە توي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر ئاغدۇرىدۇ.
باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى نىكاھ ۋە تويلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:
«مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ئىستانبۇلدا بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان ياكى ۋەتەندىن كېيىنچە كېلىپ ئىستانبۇلغا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكى توي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆز مىللىتىدىن نىكاھلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. تەخمىنەن 20 پىرسەنت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز قىسمى بۇ يەردىكى يەرلىك تۈرك خەلقى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن نىكاھلانماقتا. ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن نىكاھلىنىشى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بىزمۇ بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئىزچىل ھالدا ئۆز مىللىتىدىن نىكاھلىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق.»
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم يەنە ئۆز بايانلىرىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نىكاھ ئوقۇتۇش ۋە توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش جەھەتتە ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى ھەم ئىسلامى قائىدە-پرىنسىپلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
گوللاندىيە - ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ ياشاش تارىخى ئەمدىلا 20 يىل بولغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى نىكاھ ۋە تويلىشىش مۇناسىۋەتلىرى بىزگە يېڭى سوئاللارنى تاشلىماقتا.
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا ساۋۇت قارىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر دىنىي ئۆلىما بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ مۇراسىمىغا ھەم دىنىي ھەم مىللىي ئەنئەنە ئاساسىدا رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئەيسا ساۋۇت قارىم يەنە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلە مەسىلىسىدە يېقىندىن بۇيان ئاجرىشىش ھادىسىلىرىنىڭ قىسمەن ھالدا كۆپىيىپ بارغانلىقىنى، ھەتتا بىر قىسىم ئائىلە پاجىئەلىرىنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە قىممەت قاراش جەھەتتىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر ياكى مۇھاجىرەت ھاياتى كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي تەڭپۇڭسىزلىق ئامىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەينى چاغدا تۈركىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
باش شتابى قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، قەيسەرىگە يەرلەشكەن بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن تارتىپ تاكى يېقىنقى مەزگىللەردە تۇغۇلغان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا قەدەر بىز ناھايىتى قويۇق ئىسلامى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق. مىسال ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بالىغا ئىسىم قويۇشتا بىز ۋەتەندىكى ئەينى ئەنئەنە بويىچە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئىسىم قويۇپ كەلدۇق. ئەسلىشىمچە، دادام رەھمەتلىك سىڭلىمنىڭ قىزى تۇغۇلغاندا ‹قۇرئان كېرەم› دىن بىر بەتنى ئېچىپ، شۇ بەتتە ئۇچرىغان ئىسىمنى بوۋاققا ئات قىلىپ قويغان ئىدى. ئانام رەھمەتلىك قىز بوۋاقنىڭ قولىنى ئۇن ۋە تۇزغا پاتتۇرۇپ، چوڭ بولغاندا ئاش-تائامنى بەرىكەتلىك ۋە تەملىك قىلىپ ئېتەلەيدىغان بولۇشىنى تىلىگەن ئىدى. ھازىر بۇ خىل ئادەتلىرىمىز ئاستا-ئاستا ئۆزگەرمەكتە.»
ياۋروپادا ئەڭ بالدۇر شەكىللەنگەن ئۇيغۇر جامائىتى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىنى مەركەز قىلىپ تەدرىجىي زورايغان. ھالبۇكى، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە بۇ ئۇيغۇر توپلۇقىدا نىكاھ ۋە توي مۇناسىۋەتلىرى يەنىلا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزىنى ئاساس قىلىپ داۋام قىلماقتىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ميۇنخېندا ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار تۈرك قېرىنداشلار بىلەن نىكاھلانغاندىن سىرت، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن نىكاھلىنىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
(داۋامى بار)