بىرىنچى قىسىم: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل ۋە كىملىك
تىل بىر مىللەت ئىجتىمائىي توپلۇقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم مىللىي ئامىللىرىنىڭ بىرى. غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپلۇقلىرىدا يېقىنقى يېرىم ئەسىر مابەينىدە ئانا تىل مەسىلىسى ھەممە كىشى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئەندىشە قىلىدىغان مۇھىم بىر مەسىلە سۈپىتىدە بىلىنمەكتە.
باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە بۇ ھەقتە دۇچ كېلىۋاتقان بەزى قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇ ئۆز بايانلىرىدا يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك قېرىنداشلار بىلەن بولغان تىل، مەدەنىيەت ۋە قان-قېرىنداشلىق جەھەتتىكى يېقىنلىقى سەۋەبلىك ئۆز تىلىنى قوللىنىش دائىرىسىنىڭ بارغانسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.
قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن بۇيان تۈركىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئانا تىل ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەڭ ياخشى ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. ھالبۇكى، يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان قەيسەرىدە يېتىلگەن ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش دائىرىسىدىن بارغانسېرى تارىيىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. باش شتابى قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزى بىلىدىغان ۋە ھېس قىلغان نۇقتىلارنى تىلغا ئالدى.
شىۋېتسىيە-ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئەلدە ياشاۋاتقان بىرقانچە مىڭ ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئانا تىل جەھەتتىكى بەزى مەسىلىلەر ئەندىشە پەيدا قىلماقتىكەن. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇغۇلغان ئۈچ بالىسىنىڭ مىسالى ئارقىلىق ئۆز ئەندىشىسىنى ئىپادە قىلدى.
ئۇ يەنە بالىلارنىڭ ئائىلىدە ئاتا-ئانىلىرىغا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر بالىلار ئۆز-ئارا ئوينىغاندا تەبىئىي ھالدا شۋېدچە سۆزلىشىشكە كېتىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ميۇنخېن-ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپادا مەيدانغا كەلتۈرگەن ئەڭ دەسلەپكى مۇھاجىرەت توپىنىڭ يەرلەشكەن نۇقتىسىدۇر. ئۇيغۇر تىلىنىڭ گېرمانىيەدىكى بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئارىسىدىكى ئىشلىتىلىش چاستوتىسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلاردىن گۈلنار خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ياشلارنىڭ نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك قاتلام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا ساۋۇت قارىممۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، نۆۋەتتە گوللاندىيەدىكى 2 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل تەربىيىسى جەھەتتە تېخى يېتەرلىك تونۇشقا كەلمىگەنلىكى شۇنداقلا بۇنىڭ بىر تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىدە پىكىر بايان قىلغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇرېھىمجان ئانا تىلنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈنلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن، بەلكى چوڭلار ئۈچۈنمۇ روھىي ئېنېرگىيە بېرىدىغان بىر ئوزۇق ئىكەنلىكىنى، ئەگەردە ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنى ئوقۇشنى بىرقانچە يىل تاشلاپ قويغاندا ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئېلىش دەرىجىسىنىڭمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
(داۋامى بار)