غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (9B)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.10.13
ana-til-istanbul.jpg ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئانا تىل يەسلىسىدىكى بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى. 2013-يىلى فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئىككىنچى قىسىم: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل ۋە كىملىك

كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسى شەك-شۈبھىسىزكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئويلاندۇرۇۋاتقان ۋە بۇ جەھەتتە ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئۈندەۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا.

باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل مەسىلىسىدە باش تارتىپ بولمايدىغان مىللىي مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشى جەھەتتە بۇرۇندىن تارتىپ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن «ئۇيغۇرچە ئولىمپىياد» شەكىللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن بۇيان ئۆز ئالدىغا مەھەللە شەكىللەندۈرۈپ، كۈچلۈك جامائەتچىلىك ھاسىل قىلغان، ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئويلاندۇرماقتىكەن. باش شتابى قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم بۇ جەھەتتە ئەندىشە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ نوقۇل ئائىلىدىكى تەربىيىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتا يەتمەيدىغانلىقىنى، بەلكى ئانا تىل مەكتىپى ئېچىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەۋلاد پەرقى ۋە ئەۋلادلار ئارا قىممەت قاراشتىكى ئۆزگىرىشلەر ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئەڭ روشەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق گۈلنار خانىم، ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا كۆرۈلۈۋاتقان رېئال مەسىلىلەر ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانا بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇشى كېرەك، دەپ ھېسابلايدۇ.

گۈلنار خانىم يەنە ياۋروپادا چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىي رەۋىشتە ئەۋلاد پەرقى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئەۋلادلار ئارا قىممەت قاراشتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەتەندىن ئېلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىگە رىقابەت ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

خۇرشىدە خانىم - شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتلىك ئىشلىرىدا ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا، يەنى 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ۋەتەن تۇپرىقىدىن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاقىستاندىن ياۋروپاغا كۆچكەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دولقۇنىدا شىۋېتسىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم چەتئەلگە ھىجرەت قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ دەل پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۆز دەۋرىدە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى بولۇپ خىزمەت قىلغان خۇرشىدە خانىم شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەندىن كېيىنمۇ ئۆز خەلقى ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇھىمى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇرېھىمجان ئۆزىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئوننەچچە يىللىق ھاياتى جەريانىدا جامائەت ھاياتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر سەھنە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، جامائەتچىلىك ياكى ئۆزى مەنسۇپ بولغان مىللىي توپلۇمغا ئۇيۇشۇپ ياشاش مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا مەيلى ئانا تىلنى ساقلاش تەقەززاسىدا بولسۇن ياكى ئۆز كىملىكىنى يوقىتىپ قويماسلىق ئېھتىياجىدا بولسۇن سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر تاللاش ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.