بىرىنچى قىسىم: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ يەنە بىر يۈزى
مۇھاجىرەتتىكى ھايات بەدەلسىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىگە ئۆتمۈش بىلەن كېلەچەك، ۋاز كېچىش بىلەن قوبۇل قىلىش، ئەسلىمە بىلەن رېئاللىق شۇنداقلا ئۆز بىلەن يات ئوتتۇرىسىدىكى توختاۋسىز توقۇنۇشلار يانداشقان بولىدۇ.
غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ھاياتىمۇ خۇددى باشقا ھەرقانداق بىر كۆچمەن توپلۇققا ئوخشاشلا يېڭى مۇھىتتا ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان روھىي جەھەتتىكى ئەندىكىش، تېڭىرقاش ۋە تاللاشلاردىن خالىي ئەمەس، ئەلۋەتتە.
مەمەتجان تۇرسۇن - مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى ئالاھىدە بىر تىپ. ئۇ 2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەشئىلى ئىستانبۇلدىن ئۆتكەندە ئۇنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان ۋە بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان. ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ، ئاشۇ قېتىملىق ۋەقە ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىستانبۇلدىكى ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مەشھۇر گالاتا كۆۋرۈكىدە ئولىمپىك مەشئىلىنى تارتىپ ئېلىپ دېڭىزغا سەكرىمەكچى بولغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىدەك مىللىي ئىرادىسىنى ئىپادە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەمەتجان تۇرسۇن ئولىمپىك مەشئىلى ساقچىلارنىڭ قاتتىق مۇھاپىزىتى ئاستىدا گالاتا كۆۋرۈكىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە ئۇنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتقانلىقىنى، ئەپسۇس بىر قولى مەشئەل كۆتۈرگەن تەنھەرىكەتچىنىڭ مەيدە يانچۇقىغا تەگكەن بىر پەيتتە، ساقچىلارنىڭ كۈچلۈك قامالىدا قالغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
نورۋېگىيە - شىمالىي ياۋروپادىكى تىنچ ۋە پاراۋان بىر ئەل. بۇ دۆلەتتە بۈگۈن 3 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇن نىغمەت ئەپەندى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بۇ ئەلنىڭ سىستېمىسىغا ياخشى ماسلىشىپ ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغان ئالدى.
ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ يات ئەللەردىكى مۇھاجىرلىق ھاياتنى باشلىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە مۇھىتتىكى تۈپتىن ئۆزگىرىش تۈپەيلى ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلمىغان بەزى ئائىلە پاجىئەلىرىمۇ يۈز بېرىدۇ. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئەيسا قارىم بۇ نۇقتىدا ئۆزى شاھىت بولغان بىر پاجىئەلىك ۋەقەنى ھېكايە قىلىدۇ.
ئىستانبۇل - ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەھەر. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇللىرى تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە، جۈملىدىن ئىستانبۇلدا جىنايەت سادىر قىلغان ھېچقانداق تارىخىنىڭ يوقلۇقىنى پەخىرلىنىش ئىلكىدە تەكىتلەيدۇ. ھالبۇكى، باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن، دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھېكىمخان مەخسۇم ناھايىتى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئاز ساندا جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭمۇ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئالدىنقى يىلى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىن سەپەرلەر ئارقىلىق تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسمى قەيسەرىگە يەرلەشتۈرۈلىدۇ. بۈگۈن قەيسەرىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىم ھەم خۇشاللىق، ھەم ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قاچقۇنلۇق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەندە بىز بەكمۇ خوش بولدۇق. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قەيسەرىگە يەرلەشتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى كېڭەيدى. بىز ئۇلارنى بىزنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىمىزگە تەكلىپ قىلدۇق. مەكتەپ ئېچىپ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە تۈركىيەنىڭ سىستېمىسىنى بىلدۈرمەكچى، بىزنىڭ تۈركچە ئوقۇپ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بالىلىرىمىزغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمەكچى بولدۇق. ئەپسۇس، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزگە قاتنىشىشنى خالىمىدى. چاقىرساق كەلمىدى. تۈركىيەنىڭ سىستېمىسى ۋە خەلقنىڭ ياشاش مەدەنىيەتلىرىنى ئۆگىنىشنىمۇ خالىمىدى. ھەتتا ۋەتەندە ئوقۇپ كەلگەن بىر قىسىملار قەيسەرىنى ياراتمىدى. ئۇلار بىر ئامال قىلىپ تۈركىيەنى تاشلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈردى. بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۇق، ئۈزۈلدۇق، ھەتتا ئۇلارنى چۈشىنەلمەي قالدۇق.»
(داۋامى بار)