2015 - يىلى 14 - ماي پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ گوللاندىيەنىڭ ئۈترېخت شەھىرىدىكى يارىبۈرس يەرمەنكە سارىيى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «كۈلتۈر يەرمەنكىسى» پائالىيىتى بىلەن جانلىنىپ كەتتى.
4 كۈنلۈك بۇ پائالىيەتنى جانلاندۇرۇۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نامايەندىلىرى قاتارىدا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھەم دەردىنى ئاڭلىتىش ھەم ئىقتىسادىي كېرىم قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

بۇ پائالىيەت ئىشتىراكچى مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈر - مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتى، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك ۋە سەنئەتلىرىنى نامايان قىلىش؛ تۈرلۈك ساھەلەرنىڭ چوڭ - كىچىك تىجارەتچىلىرى ۋە شىركەت مەھسۇلاتلىرى بازار تېپىۋېلىش؛ خەلق ئاممىسى ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى سېتىۋېلىش بىلەن بىرگە كۆڭۈل ئېچىپ زىيارەت قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن يىللاردىن بېرى خېرىدار جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلغان مەھمۇدجان تۇرسۇن ئەپەندى، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ 2 كۈنلۈك تەپسىلاتىنى ھېس قىلغان تۇيغۇلىرى بىلەن رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئاڭلاتتى. مەريەم خانىم گوللاندىيەدىكى خانىم - قىزلارنىڭ بۇ پائالىيەت ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى بولسا، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يىللاردىن بىرى بۇ خىل پائالىيەتكە قاتنىشىشتىكى مەقسەت غايىسى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بەردى.
