گوللاندىيىنىڭ دەنبوش ۋىلايىتىدىكى برابانتھالىن يەرمەنكە مەركىزىدە ئېچىلغان تۆت كۈنلۈك «مەدەنىيەت - كۈلتۈر يەرمەنكىسى» پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشماقتا.
گوللاندىيىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى برابانتھالىن يەرمەنكە مەركىزىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان «مەدەنىيەت - كۈلتۈر يەرمەنكىسى» دە تۈرك سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا.
«مەدەنىيەت - كۈلتۈر يەرمەنكىسى» پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى ئەيسا قارىھاجىم يەرمەنكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا چاقىردى.
29 - ئاپرېل ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مەركىزىدە ئۇچراشقان تۈرك سىستېمىسىدىكى جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇ خىل پائالىيەتلەردە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك شوئارى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. «مەدەنىيەت - كۈلتۈر يەرمەنكىسى» پائالىيىتى ئەنە شۇ بىرلىكنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى سۈپىتىدە رېئاللىققا ئايلاندى.
9 - ماي دىن 12 - مايغىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ پائالىيەت تۈرك، تاتار، نوغاي، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، تۈركمەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەتلىرى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان پائالىيەت بولۇپ، گوللاندىيە خەلقىنىڭ يازلىق ئارام ئېلىش كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەت تەرەپمۇ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلار گوللاندىيىدىكى مۇھاجىرلىق تارىخىنىڭ قىسقا ۋە شارائىتلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىغا قارىماي، بۇ خىل ئورۇنلاردا مىللىي خاسلىقىنى نامايان قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00