ئۇيغۇر مەدەنىيىتى گوللاندىيەدە جۇلالىدى

0:00 / 0:00

31 - ماي ئۇيغۇرلار گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى.

بۇ يەرمەنكىگە ئۇيغۇرلار ئۆتكەن 3 يىلدىن بىرى ئۇدا قاتنىشىپ كەلمەكتە.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئەيسا قارىم يەرمەنكىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، مەزكۇر يەرمەنكىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.