گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار شەرق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى
2015.08.24
2015-يىلى 23-ئاۋغۇست يەكشەنبە گوللاندىيەنىڭ نەيمېيخن شەھىرىدىكى «باغچە مۇزىيخانىسى» دا، شەرق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە گوللاندىيە ۋە گېرمانىيەدىكى جەمئىيەت ۋە شەخسلەردىن- «ئىراق تۈركمەنلىرى جەمئىيىتى»، «نوغايلار جەمئىيىتى» ۋە باشقا تۈرك مەدەنىيەت نامايەندىچىلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مەزكۇر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپلىرى، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى، قول -ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتكە ئالاقىدار تارىخىي رەسىملىرىنى نامايان قىلىپ، مەزكۇر «باغچە مۇزىيخانىسى»نىڭ ساياھەتچىلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنىگە ئالاقىدار ئۇچۇر بەردى.
شەرق مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن كارۋانلار كېلىپ چۈشىدىغان دەڭ شەكىلدىكى قورۇلاردىن بىرىنىڭ تېمىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە مەزكۇر «باغچە مۇزىيخانىسى»گوللاندىيەنىڭ گېرمانىيەگە چېگرىداش ھەئىلىگ شەھىرىگە جايلاشقان ئەسلى بىر تەبىئىي ساياھەت باغچىسى بولۇپ، 2007-يىلدىن باشلاپ شەرق ۋە غەربتىكى يەھۇدىي، خرىستىئان ۋە ئىسلامدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دىننىڭ كۈلتۈر-مەدەنىيەت نامايەندىلىرىنى بىر يەرگە جەملەپ، ئۈستى ئوچۇق مۇزىيخانا ئۇسلۇبىنى ياراتقان ۋە يىلنىڭ ھەر پەسلىدە مۇئەييەن بىر مەدەنىيەتنىڭ نامايان قىلىنىشىنى دەۋرىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ياۋروپا مىقياسىدا ساياھەتچىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەن ساياھەت نۇقتىسى ئىكەن.
ئوتتۇرا شەرق ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ نامايان قىلىنىشى ھەر يىلى 8-ئايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن بېرى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئىراقلىق تۈركمەن ئابباس ئاغا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ۋە ھەر يىلى مۇشۇ يەردە تەكرار كۆرۈشۈش ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: « سالامدىن كېيىن، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ يەرگە تەشرىپ قىلغانلىقىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بىز بۇنى 4 يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتىمىز. كېلەر يېلى تېخىمۇ ياخشى بىر پائالىيەت بولىدۇ. بىز تۈركمەنلەر دېگەن چېغىمىزدا پەقەت ئىراقتىكى ۋە تۈركمەنىستاندىكى تۈركمەنلەرنىلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئەجدادىمىز تاكى شەرقىي تۈركىستاندىن تارتىپ ئادرىئاتىك دېڭىزىغا قەدەر سوزۇلغان تۇپراقلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تۇتاشتۇر. سىزلەر بىزنىڭ بىزلەر ھەم سىزلەرنىڭ بىر پارچىڭىز بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلىرىمىزنى بىرلىك باراۋەرلىك ئىچىدە ياخشى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سىزلەرنىڭمۇ پائالىيەتلىرىڭىزنىڭ بارغانسېرى تېخىمۇ گۈزەل شەكىلدە تەرەققىي قىلغۇسى. سىزلەرنىڭمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىڭىزگە ياردەمدە بولۇشقا ھەر قاچان تەييارمىز»، دېدى.
پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دىن، كەچ سائەت 6 گە قەدەر داۋام قىلدى. پائالىيەت ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن زوقلانغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يىراق-يېقىندىن ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇپ كېلىپ، ئۇيغۇر كاۋىپى بىلەن پائالىيەتنى جانلاندۇردى. ساياھەتچىلەردىن بەزىلىرى ئۇيغۇر كاۋاپلىرىغا ئېغىز تېگىپ، ماختىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئوبۇل قاسىم ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدە ئۇچۇر بەردى. ئىشتىراك قىلغۇچىلاردىن ئابدۇللاھ ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.