بۇنىڭدىن ئون يىللار ئىلگىرى قازاقىستان ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىدە بىر تۈركۈم ياش رەسساملار مەيدانغا كەلگەن ئىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى ئاچقان «دۇنيا سەنئىتى» ناملىق ھازىرقى زامان سەنئەت كۆرگەزمىخانىسى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى سەنئەت ساھەسىدە تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشتە مۇھىم روللارنى ئوينىماقتا.
19-سېنتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى قازاقىستان دۆلەتلىك مەركىزىي مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياش ئۇيغۇر رەسسام گۈزەل زاكىروۋانىڭ يەككە كۆرگەزمىسى دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. «مەركىزىي ئاسىيا ئوبرازلىرى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ كۆرگەزمىگە رەسسام گۈزەل زاكىروۋانىڭ نىڭ 80 پارچىغا يېقىن ئەسىرى قويۇلغان.
200 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان قازاقىستان دۆلەتلىك مەركىزىي مۇزېيىنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسار مۇدىرى بېيبىتقالى قاقابايېف، «كېرېمېت ئارت» لايىھەسىنىڭ ئاساسچىسى جىبېي قارامانوۋا، «دۇنيا سەنئىتى» ھازىرقى زامان سەنئەت كۆرگەزمىخانىسىنىڭ مۇدىرى ھاكىمجان گۈلىيېف ۋە باشقىلار ياش رەسسام ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە پىكەر بايان قىلدى شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىدى. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «دولان» ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئانسامبىلى ۋە «دېلېئون باند» گۇرۇپپىسى ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايىش قىلدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياش رەسسام گۈزەل زاكىروۋا خانىم ئۆزىنىڭ مەزكۇر كۆرگەزمىگە قويغان ئەمگەكلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، خوتەن، تۇرپان، ئاقسۇ، كۇچار قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلىرىگە قىلغان سەپىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە بەك قىزىقىمەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بەك چوڭقۇر ۋە باي. مەن بۈگۈن كۆرگەزمىگە قويغان ئەمگەكلىرىم ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تەسۋىرلەپ بەرمەكچىمەن. ئاساسىي ژانېر پورترېت. مەن ساياھەت ۋاقتىدا ئادەملەرنىڭ يۈزلىرىنى سىزىپ چىققان ئىدىم. بۇ رەسىملەردە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىلا ئەمەس، ھەتتا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان ناھىيەسىدە ياشاۋاتقان تاجىكلارنىڭ ھاياتىمۇ ئەكسى-ئەتتۈرۈلگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ئىدى.»
گۈزەل زاكىروۋا ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ رەسساملىق بۆلۈمىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سەنەت ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئالغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەپىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئىككى رەسىم ئارقىلىق دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرماقچىمەن. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى كۆرۈپ، بەك ھەيران قالغان ئىدىم. دولانلىقلارنىڭ ھاياتى ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەر ئارقىلىق بىزنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك قەدىمىي ۋە باي مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ كۆرگەزمىنى مەن ئۈچ يىل ساياھەت قىلىپ رەسىم سىزغاندىن كېيىن تەييارلىدىم. ئەلۋەتتە، ئۇستاز كۆرمەي تۇرۇپ مۇنەۋۋەر شاگىرت چىقمايدۇ. ماڭا دەرس بەرگەن داڭلىق رەسساملىرىمىز بار. شۇلارنىڭ بىرى پروفېسسور ۋلادىمىر ۋاسيۇك. ئۇيغۇرلاردىن رۇسلان يۈسۈپوفتىن دائىم مەسلىھەت سورايمەن. مېنىڭچە، قازاقىستاندا ياش رەسساملار بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىنى ناھايىتى ياخشى ماڭدۇرىۋاتىدۇ. بىز بار، شۇنىڭ ئۈچۈن كېلەچەكمۇ بار.»
«دۇنيا سەنئىتى» ھازىرقى زامان سەنەت كۆرگەزمىخانىسىنىڭ مۇدىرى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ نامزاتى ھاكىمجان گۈلىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت دەۋرىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر رەسساملىرى يېتىلىپ چىققان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بارلىقى دېگۈدەك كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىدا سەنئەت ئىجادىيىتىنى ئېلىپ بارغان ئىكەن. ھاكىمجان گۈلىيېف ئەپەندى سوۋېت ئىتتىپاقى رەسساملار بىرلەشمىسى غۇلىغاندىن كېيىن كۆپلىگەن رەسساملارنىڭ قانداق ماۋزۇ ئۈستىدە ئىشلەشتە تەمتىرەپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇ ئارىلىقتا 10-15 يىل جىمجىتلىق بولدى. چۈنكى رەسساملار جان بېقىش ئۈچۈن باشقا ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1995-يىلىدىن كېيىن بىر توپ ياش رەسساملار قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. بىراق ئۇلار بۇرۇن كەڭ تارالغان ماي قەلەم، گرافىكا بىلەن شۇغۇللانماي، تەسۋىرىي سەنئەتكە يېقىن باشقا كەسىپلەرنى ئىگىلەشكە باشلىدى. ئاخىرقى ئون يىل ئىچىدە ماي قەلەم ۋە گرافىكا بىراز ئالغا سۈرۈلگەندەك بولدى. ئاتاقلىق رەسسام رېررىخ 1924-يىلى ‹چولپان يەرگە ئەڭ يېقىنلاشقان دەۋىردە ئاياللارنىڭ دەۋرى باشلىنىدۇ› دېگەن ئىدى. مەن ئويلايمەنكى، رېررىخنىڭ ئېيتقانلىرى ھازىرورۇنلىنىۋاتىدۇ. ئاخىرقى ئون يىلدا پەقەت ياش رەسسام قىزلار ئىجادىيەت قاينىمىغا كىرىپ كەلدى.»
ھاكىمجان گۈلىيېف گۈزەل زاكىروۋانىڭ ئەسەرلىرىدە گرافىكا ئىجادىيىتىنىڭ يېڭى ئۈلگىلىرىنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان سەپىرى جەريانىدا ئىنتايىن باي تەجرىبىلەر ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە نازۇگۇم سامىيېۋا، مۇنىسەم گۈلىيېۋا، ۋېنېرا ۋاجىتوۋا، كامىلەم قۇربانوۋا قاتارلىق بىر تۈركۈم تالانتلىق ياش رەسساملارنىڭ تەربىيەلىنىپ چىققانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىنى چاقنىتىشتا چوڭ روللارنى ئوينايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھاكىمجان گۈلىيېف پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ياش رەسساملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قازاقىستاندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، قىرغىزىستاندىمۇ سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرى بىلەن ئەمگەك قىلىۋاتقانلار بار. ئەمما ماي قەلەم ۋە گرافىكا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رەسساملار كۆرۈلۈپ باقمىدى. تەلئەت مىررەھىموفنىڭ ئوغلى بىر-ئىككى كۆرگەزمە ئاچتى، بىراق يۇقىرى دەرىجىگە تېخى كۆتۈرۈلمىدى. ئۆزبېكىستاندىكى خەلق رەسسامى لېكىم ئىبراھىموفنىڭ ئوغلى غەيرەتنىڭ يېقىندىلا شەخسىي كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ بىر ۋەكىلى. باشقا رەسساملارنى مەن تېخى بايقىمىدىم. بىزنىڭ بۇ ياش رەسساملىرىمىزنى چەتئەللەرگە ئېلىپ چىقىش ئويىمىز بار.»
ھاكىمجان گۇلىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ياش رەسساملارنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى دۇنياغا تونۇتۇش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ كۆرگەزمىلىرىنى چەتئەللەردە، بولۇپمۇ ياۋروپا ئەللىرىدە ئېچىش بويىچە ئىشلار ئېلىپ بېرىلماقتىكەن. يېقىندا بۇ ھەقتە ئۆزبېكىستان بىلەن كېلىشىلگەن بولسا، ئەمدى شىۋېتسىيە بىلەنمۇ مۇزاكىرىلەر يۈرگۈزۈلمەكتىكەن. ئۇ يەنە ئالمۇتا شەھىرىدىكى قاستېيېف نامىدىكى دۆلەت مۇزېيىدا قازاقىستاندىكى بارلىق ياش رەسساملارنىڭ چوڭ كۆرگەزمىسىنى ئېچىش پىلانىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.