مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدىكى قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان گرېنلاند ئارىلىغا كەسپىي پراكتىكا قىلىش ئۈچۈن بىر نەپەر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يېتىپ بارغان.
گرېنلاند ئارىلى دانىيە ئىگىدارچىلىقىدا تۇرۇۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال بولۇپ، پۈتۈن زېمىنىڭ كۆپ قىسمى يىل بويى قېلىن قار-مۇزلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئارال جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن كانادانىڭ شەرقىي-شىمالى تەرىپىگە يېقىن بولسىمۇ، لېكىن 1814-يىلىدىن بۇيان دانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ كەلگەن. 1953-يىلى دانىيە پادىشاھلىقى گرېنلاند ئارىلىنى ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قانۇنلاشتۇرغان. ئەمما بۇ يەرنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئىنۇئىتلارنىڭ سىياسىي ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ 1979-يىلىغا بارغاندا دانىيە ھۆكۈمىتى گرېنلاند ئارىلىغا ئاپتونومىيە بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 2009-يىلى گرېنلاند ئارىلىدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ھازىر يەرلىك مىللەت ئاھالىسى ئاران 50 مىڭغا بارىدىغان دۇنيادىكى بۇ ئەڭ چوڭ ئارال ئالىي ئاپتونومىيە باسقۇچىدا تۇرماقتا ئىكەن. ئەگەردە شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلىپ يەرلىك مىللەت-ئىنۇئىتلار ئۆز پارلامېنتى ئارقىلىق تەلەپ قويغان كۈنى دانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشى تامامەن مۇمكىن ئىكەن.
دانىيىنىڭ ئارخۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىقى بويىچە ئوقۇۋاتقان سەمەرجان ھەسەن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا 4 ئايلىق كەسپىي پراكتىكا ئۈچۈن گرېنلاندنىڭ پايتەختى نۇك بازىرىغا يېتىپ بارغان. ئۇ سكايپې ئارقىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ گرېنلاند ئارىلىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
سەمەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دانىيىلىكلەرنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا پۈتۈن گرېنلاند ئارىلىدا 60 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بولۇپ، يەرلىك مىللەت ئىنۇئىتلارنىڭ نوپۇسى 50 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. سەمەرجان ئۆزىنىڭ گرېنلاند ئارىلىغا بارغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆز يىلتىزىنى شىمالىي ئاسىيادىكى موڭغۇلىيە ياكى ئالتاي رايونىغا باغلايدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانچە مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە گرېنلاندنىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇزاق مەزگىل دانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشاش ھەمدە ھازىرقى زامان ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن ئىنۇئىتلارنىڭ ئىلگىرىكى تەبىئەتكە چوقۇنۇشتەك دىنىي ئەقىدىلىرىنى يوقىتىپ خرىستىئان مۇخلىسى بولۇپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما 1970-يىللاردىن كېيىن ئىنۇئىتلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ قايتىدىن ئويغىنىپ ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى ھەمدە ئالىي ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.