پراگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كىنو فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.03.10
uyghur-mesilisi-piragda-guentanamo.jpg «بىر دۇنيا» ناملىق خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا روشەن ئابباس خانىم گۇانتانامودىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن 22 ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم - «ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدىكى يالغانلار» نىڭ ئىشلىنىشىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ فىلىمنى تونۇشتۇردى. 2015-يىلى مارت، چېخ پايتەختى پراگا.
RFA/Erkin Tarim

«بىر دۇنيا» ناملىق خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى چېخ پايتەختى پراگانىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋاللىرىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە، پراگادا 2‏-مارت باشلانغان مەزكۇر فىلىم فېستىۋالىنىڭ 17‏-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ.

بۇ يىللىق فېستىۋالغا كانادالىق فىلىم ئىشلىگۈچى پاترىسىئو ھېنرىكيۇزنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تېما قىلغان «ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدىكى يالغانلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى قاتناشتۇرۇلدى.

پاترىسىئو ھېبرىكيۇز مەزكۇر فىلىمدا گۇەنتاناموغا قامالغان سابىق تۇتقۇنلارنى، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى زىيارەت قىلغان. ھېنرىكيۇز فىلىمدا گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھېكايىسىنى تېما قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رېئاللىقىنى بايان قىلىدۇ. مەزكۇر فىلىم فېستىۋالى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم فىلىمدىكى ئاساسلىق پېرسوناژلارنىڭ بىرى، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىگە ئارىلاشقان پائالىيەتچى روشەن ئابباسنى زىيارەت قىلدى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى روشەن ئابباس خانىم، ئېرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پراگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىر دۇنيا» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن فېستىۋالغا قاتناشقان. روشەن ئابباس خانىم گۇەنتانامودىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن 22 ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ فىلىمنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن، روشەن ئابباس خانىم مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پىراگادىكى ئاساسلىق گېزىت، ژۇرنال ۋە رادىئو پروگراممىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

پراگادا ئۆتكۈزۈلگەن 17-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فىلىم فېستىۋالىدا گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئاڭلىتىلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كامران تۇرسۇن، ئۈمىد ساقى ۋە باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئامىرە ئەنۋەر، گۈلنەزەر ئابلەت قاتارلىق 4 ياش تەكلىپ بويىچە ميۇنخېندىن پىراگاغا كېلىپ فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە سوئال-جاۋاب مۇنبىرىگە قاتناشقان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم ئالدى بىلەن 3-مارتتىن 11-مارتقىچە پراگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمغا ئورۇن بېرىلىشنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋاللىرىدىمۇ كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.