گۈلباھار ناسىروۋا: نۇرئالىم - ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ بۇلبۇلى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئالەمگە كۆپلىگەن مەشھۇر دۆلەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرى، ئۇرۇش ۋە ئەمگەك قەھرىمانلىرى، ئاتاقلىق ئالىملىرى، يازغۇچىلىرى، رەسساملىرى بىلەنلا ئەمەس، شۇنداقلا تالانتلىق ناخشىچىلىرى بىلەنمۇ تونۇلۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى-پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن سىرت يەرلەردىمۇ ياشاۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان تالانتلىق ناخشىچى نۇرئالىم ۋارىسوفتۇر.

نۇرئالىم نېمە ئۈچۈن خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك بۇلبۇلىغا ئايلاندى؟ ئۇنىڭ ئىجراسىدىكى ناخشىلارنىڭ كۈچى نېمىدە؟

بىز بۇ ھەقتە قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ تونۇلغان ئارتىسى گۈلباھار ناسىروۋا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.