گۇننار ياررىڭ نامىدىكى مەركىزىي ياۋروئاسىيا ئىلمىي يىغمىسىنىڭ رەقەملىك ئامبىرى ئىلىم ساھەسىگە ئېچىۋېتىلدى (1)
2015.12.16

مەشھۇر دىپلومات، دۇنياغا داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا شىۋېتسىيە كۇتۇپخانىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر مۇھىم ئىلمىي يىغمىلار شەكىللەنگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، گۇننار ياررىڭنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىدا قۇرۇلغان گۇننار ياررىڭ يىغمىسى 2012 - يىلى ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا كۆچۈرۈلگەن.
يېقىندا مەزكۇر يىغمىنىڭ رەقەملىك (دىجىتاللىق) ئامبىرى ياسىلىپ، گۇننار ياررىڭ توپلىغان ئۇيغۇر تىل - يېزىقىدىكى قوليازمىلار ۋە كلاسسىك مەنبەلەرنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى تورغا قويۇلغان.
بۇ ئىلمىي يىغما نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بىلىم ئادەملىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى شىۋېتسىيە پادىشاھلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنى. بۇ ئىنستىتۇت شىۋېتسىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئوسمان سۇلتانلىقى زامانىسىدا ئىستانبۇلغا قۇرغان ئەلچىخانىسىنىڭ كونا قورۇسىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، 250 يىلدىن بېرى شىۋېتسىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2012 - يىلى ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مەشھۇر تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭنىڭ ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب - ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە شۋېد مىسسىونېرلىرى ئەينى چاغدا قەشقەردىكى باسمىخانىسىدا باسقان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرچە كىتاب - ماتېرىياللارنى توپلاپ، مەركىزىي ياۋروئاسىيا رەقەملىك كۇتۇپخانىسىنىڭ تور ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرقانداق كىشى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ تور بېتىگە كىرىپ، <http://www.srii.se/Jarring> دېگەن ئادرېستىن بۇ ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدىكەن.
بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان پاترىك خەلزون ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئۇ رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر مەزكۇر يىغمىدا گۇننار ياررىڭ توپلىغان 5 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب - ماتېرىيال ۋە قىممەتلىك قوليازمىلار ساقلانماقتىكەن. ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان مەزكۇر يىغمىدىكى بىر قىسىم ماتېرىياللارنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى ياسىلىپ، رەقەملىك كۇتۇپخانا شەكلىدە تورغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئىكەن.
پاترىك خەلزون مەزكۇر يىغمىدىكى بىر قىسىم قوليازمىلارنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىل - يېزىقىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بەزى ئۇيغۇرچە قوليازمىلارنىڭ دۇنيادىكى يىگانە نۇسخىسىنىڭ بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە مەزكۇر يىغمىدىكى كىتاب - ماتېرىياللارنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنىڭ جىددىي تۈردە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، يېقىن كەلگۈسىدە تورغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا گۇننار ياررىڭ توپلىغان بۇ كىتاب - ماتېرىياللارنى ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا گۇننار ياررىڭ نامىدا قۇرۇلغان ئىلمىي يىغما كېيىنچە ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا كۆچۈرۈلگەن ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنىڭ ئاخىرى كېيىنكى پروگراممىمىزدا دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.