مىللەتپەرۋەر، ساخاۋەتچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاجى ئابدۇلمىجىت قەشقەرلى ئەپەندى 25-ماي كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنىدىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتتى.
26-ماي سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى خاس ئوداجىباشى مەسچىتىدە مەرھۇمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن زەيتىنبۇرنىدىكى يېڭىقوزلۇ قەبرىستانلىقىدا يەرلىككە قويۇلدى.
ۋەتەنپەرۋەر، ساخاۋەتچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھاجى ئابدۇلمىجىت قەشقەرلى 1935-يىلى قەشقەر ئارتۇشنىڭ مەشھەت دېگەن جايىدا دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاتۇشتا پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دادىسى بىلەن تىجارەتكە باشلىغان. كېيىن، ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئاپتونوم رايونلۇق تىجارەت مەكتىپىدە ئوقۇغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مىللەتچى قالپىقى بىلەن تۈرمىدە ياتقان. 1984-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن.
بىر مەزگىل مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قۇرغان نەشرىيات مەركىزىدە ئىشلىگەن. 2005-يىلى يۇرتىغا قايتقاندا خىتاي ج. خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ، سوراققا تارتىلغان. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھامۇت گۆكتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن پالەچ بولۇپ قالغان بولۇپ، 10 يىلدىن بېرى داۋالانغان بولسىمۇ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.
ۋەتەنپەرۋەر ساخاۋەتچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇلمىجىت قەشقەرلى ئەپەندى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشى ئۈچۈنمۇ كۆپ كۈچ چىقارغان.