ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى پارىژ كىلىمات يىغىنىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا چاقىردى. ئەمما كېلىشىمدە كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلىۋەتمەسلىكىنى، يەرلىك خەلقنىڭ ئەنئەنە ۋە يەر باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇلار باياناتىدا يەنە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىدا مەركىزى ئورۇنغا قويۇلۇپ، ھەرقانداق كېلىشىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق رامكىسى ئىچىدە تۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ كېلىشىمنىڭ ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر ئەمەل قىلىدىغان قانۇنى مەجبۇرلاش كۈچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇ «كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئالاقىدار ھەرىكەتلەردە بارلىق تەرەپلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، قوغداش، ئالغا سۈرۈش ۋە ئەمەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك» دېگەن.
مەزكۇر باياناتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى، خەلقئارا تىبەت تورى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى قاتارلىق 4 ئۆكتىچى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئېلان قىلدى.
خەلقئارا تىبەت تورىنىڭ مەسئۇل خادىمى ماندېي مىككىئوۋىن چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پارىژ كىلىمات يىغىنى چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە بىۋاسىتە تەسىر بار. يەنى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى خەلقلەرگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ تىبەت خەلقىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى زور. تىبەت ئېگىزلىكىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن يۇقىرى. بۇنىڭ تەسىرى قار-مۇزلۇقنىڭ ئېرىشىنى، كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. تىبەت يايلاقلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى تىبەت چارۋىچىلىرىنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.
ماندېي مىككېوۋىن يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ناھايىتى كۆپ كۆمۈر زاپىسى بارلىقىنى، بىراق بۇ كۆمۈرلۈكلەرنى زور كۆلەمدە قېزىش مەزكۇر رايوننىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئېغىر تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مىككېئوۋىن مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا قېزىلمىغان كۆمۈر زاپىسى ناھايىتى كۆپ. بۇ كۆمۈرلەرنىڭ قېزىشنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى زور. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ يەر زېمىنلىرىغا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. كۆمۈرنىڭ پۇلىنى بېيجىڭ ئېلىپ كەتكەچكە، ئۇ ياراتقان ئىقتىسادى مەنپەئەت ئۇيغۇرلارغا پايدا يەتكۈزۈپ بېرەلمىدى.
پارىژ يەر شارى كىلىمات يىغىنى 1-دېكابىر باشلانغان. ئالاقىدار دۆلەت 5-دېكابىر ھاسىل قىلغان دەسلەپكى كېلىشىم لايىھەسىدە يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىنى 5.1 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا كونترول قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
لېكىن خەلقئارا مېخانىزم قۇرۇپ، دۆلەتلەرنىڭ زەھەرلىك كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى قانداق نازارەت قىلىش مەسىلىسى بولسا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىشىغا قالغان ئىدى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىت بۇزغۇنچىلىق ۋە دېموگرافىك ئۆزگىرىش خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تەھدىت سالىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دولقۇن ئەيسا: خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مۇھىتىغا ناھايىتى قاتتىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. بۇ ئۇ يەردە ئىنسان ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تەرتىپسىز، پىلانسىز ئېچىش ئارقىلىق بۇ يەردىكى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭسىزلىق، دېموگرافىك ئۆزگىرىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇ يەردىكى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا تەھدىت سالىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.
شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان بەزى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېكولوگىيىگە بولغان تەسىرى، ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق ماھىيىتىدە بولغاچقا بىز بۇنى ئۆز ئار باغلىنىشلىق، دەپ قارىدۇق.
دولقۇن ئەيسا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى زور مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا، خىتاينىڭ گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە قۇرۇۋاتقان كۆمۈرنى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشلار خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلىدۇ.
دولقۇن ئەيسا: خىتاي بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان كۆمۈرنى كۆمۈر پېتى ئىچكىرىگە يۆتكەيتتى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ ياقتىكى كۆمۈرلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن چىققان توك بولسۇن ياكى گاز بولسۇن ئىچكىرىگە يۆتكەيدىغان بولدى.
كۆمۈردىن چىققان كاربون 4 ئوكسىد ناھايىتى قاتتىق ھاۋا بۇلغىنىشقا سەۋەن بولىدىغان ئامىل. دېمەك، بۇ يەردە ھازىر قوپۇپ بۇرۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تامامەن كۆمۈر توشىغان بولسا، ھازىر زەھىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ ساپ مەھسۇلاتىنى خىتايغا يۆتكەش ئارقىلىق خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى بۇلغىنىشنى ئازايتىشقا پايدىلىق ئىش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ياكى گەنسۇدا بولسۇن، ئاتالمىش خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا نېمە بولسا بولسۇن، دەيدىغان مۇنداق بىر سىياسەت رول ئويناۋاتىدۇ.
دولقۇن ئەيسا يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
دولقۇن ئەيسا: بىز مۇھىت مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا ئوخشاش بۇنداق دۆلەتلەرگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىشى، بۇلار بىلەن مۇھىت مەسىلىسىدە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا دىققەت قىلىدىغان توختاملارنى تۈزۈشى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلغا ئوخشايدىغان رايونلار مەسىلىسىنىمۇ توختاملاردا دىققەتتىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك، دېگەن چۈشەنچىدە بىز.
خىتاي بۇ قېتىمقى كىلىمات يىغىندا بۇرۇنقىغا قارىغاندا نىسبەتەن ئاكتىپ رول ئوينىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا 20 مىليارد يۈەنلىك بىر فوندى قۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زەھەرلىك كاربون كونترول قىلىش نىشانىغا يېتىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
0:00 / 0:00