ئەنقەرەدە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.07.17
chaghdash-uyghur-edebiyati-tarixi.jpg ئەنقەرەدە نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى چەتئەللەردىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن نەشرگە تەييارلانغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق كىتاب ئەنقەرەدىكى غازى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راھىلە ئابدۇۋاھىت قەشقەرلى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان كىتاب 347 بەت بولۇپ، كىتاب مۇندەرىجە، كىرىش سۆز، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى ھەققىدە مەلۇمات ۋە ئۇيغۇر شائىر ۋە ئەدىبلەرنىڭ تەرجىمالىدىن تەركىب تاپقان.

كىتابتا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 241 شائىر ۋە يازغۇچىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 189 كىشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يازغۇچىلار بولۇپ، كىتابقا يەنە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلاردىن 47 كىشى، قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلاردىن 2 كىشى، ئۆزبەكىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن 4 كىشى، تۈركىيەدىن 3، ئاۋسترالىيەدىن 2، كانادادىن 2 ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بايان قىلىنغان. 

كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى نەۋشېھىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نەشە ھاربالىئوغلۇ خانىم قىلغان. كىتابنى نەۋشېھىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئېغىز ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادەم ئۆگەر بىلەن غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ھۈليا قاساپئوغلۇ چەنگەل خانىم تەكشۈرۈپ بېكىتكەن. 

بىز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان راھىلە ئابدۇۋاھىت قەشقەرلى خانىمغا تېلېفون قىلدۇق، ئۇ كىتابنى تونۇشتۇرىشىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پىكىر بايان قىلمىدى.

كىتابنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پروفېسسور دوكتور ھۈليا قاساپئوغلۇ چەنگەل خانىم كىتابنىڭ تۈركىيەدىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا قوشۇلغان بىر تۆھپە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھىكايىلىرىدىن تاللانمىلار› ناملىق كىتاب بىلەن ‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى› ناملىق كىتابنى ياش كەسىپدىشىم يازدى. مەزكۇر كىتاب تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ ياردىمى بىلەن نەشرگە تەييارلىنىپ نەشر قىلىندى. مەن بۇ كىتابنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىدىم. بۇ كىتابنىڭ تۈركىيە تۈركولوگىيىسىگە، تۈركىيەدىكى ئىلىم دۇنياسىغا سۇنۇلغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم. بۇ كىتاب ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك بىر مەنبە.» 

ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، دوكتور راھىلە قەشقەرلى خانىم يازغان ئەسەرنىڭ تۈركىيەدە بۇ نام بىلەن نەشر قىلىنغان تۇنجى ئەسەر ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تۈركلەرگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. تۈركىيەدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلىغان بولۇپ، بۇ كىتاب تۇنجى قېتىم تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن بېسىلغان كىتاب ھېسابلىنىدۇ. پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولغاچقا بۇ خىل قوللاشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

مەلۇمكى، مەزكۇر كىتاب «1910-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق ئىش پىلانى دائىرىسىدە تەييارلانغان بولۇپ، مەزكۇر پىلان دائىرىسىدە 3-ئايدا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھېكايىلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر پىلان تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى چەتئەللەردىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قوللىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.