20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ۋە سىياسىي ۋەقەلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان كىشىلەرنىڭ ئاز ساندىكى بىر قىسمى تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق ئەللەردە ياشىغان ئىدى.
بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ نامى كۆپ تونۇشلۇق. ئەمما، «تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەمدۇللا تارىمنىڭ نامى كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق ئەمەس.
ھەمدۇللا تارىم كىم ۋە ئۇنىڭ تۈركىستان تارىخى قانداق ئەسەر؟
20-ئەسىردە ئۆتكەن بۇ تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە باشقا مەسىلىلىرى، قوزغىلاڭلار ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى قاتارلىق تۈرلۈك ئەھۋاللار ئەسەر يېزىپ قالدۇرغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز.
1949-يىلى، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلەشكەن، 1960-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ يەرلىشىپ، شۇ يەردە ۋاپات بولغان ھەمدۇللا مۇھەممەد ھاجى تارىمىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ چوڭ ماۋزۇ بويىچە«تۈركىستان تارىخى»، قوشۇمچە ماۋزۇ بويىچە «تۈركىستاننىڭ 1931-1937-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب تارىخى» ناملىق قول يازما كىتابى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا كېرەك.
ھەمدۇللا مۇھەممەد ھاجىنىڭ «تۈركىستان تارىخى» 1983-يىلى، ئىستانبۇلدا ئۆزىنىڭ قول يازمىسى ئاساسىدا تۈپلىنىپ ئاز تىراژدا بېسىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى. ھەمدۇللا تارىمنىڭ بۇ ئەسىرى 1931-يىلىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، 1933-يىلىدىكى تۇرپان، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە باشقا جايلاردىكى قوزغىلاڭلارنىڭ پۈتۈن جەريانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن تاشقىرى 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلاب ۋە سىياسىي كۈرەشلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەسەر 1931-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
مەزكۇر كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ئاپتور ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ۋەقەلەر ۋە 20 نەچچە يىللار توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا بۇ كىتابىنى يېزىپ چىققانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. كونا ئىملا بىلەن يېزىلغان ئەسەر جەمئىي 376 بەتلىك بولۇپ، ئىچىگە بىر قانچە سىياسىي شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ھەمدۇللا تارىمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئېنىقلاشتا ئۇنىڭ كىتابى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشايدىغان، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى ھامۇتخان كۆكتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، ھەمدۇللا تارىم 1946-يىلىدىن كېيىن بىر مەزگىل ئۈرۈمچىگە مۇئاۋىن ۋالىي، 1930-يىللاردا پەيزىۋاتقا ھاكىم بولغان.
ھەمدۇللا تارىم تۇرپاندا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان ھەمدە دىنىي ۋە پەننىي جەھەتلەردىن يېتىشكەن ئىدى.
ئۇ، 1933-يىلى، ماخمۇت مۇھىتى قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى تۇرپان قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە كېيىن خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىقلارنىڭ يېنىدا كاتىپلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن خوجا نىياز ھاجىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئائىت كۆپ ئىشلاردىن بىۋاسىتە خەۋەردار ئىدى.
ھەمدۇللا تارىمى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، 18 يىللار شۇ يەردە ياشىغان ۋە كېيىن تۈركىيەدە ياشاپ ۋاپات بولغان. ئۇ تۈركىيەدە كۆپ پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان.