رابىيە قادىر: «پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى قۇتلايمەن!»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.09.23
rabiye-aliy-kengesh-yepilish-305.jpg 2011-يىلى 6-مايدىكى يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇھىم سوز قىلدى
RFA

قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاۋۋال پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا سەمىمىي ھېيتلىق سالىمىنى يوللىدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇربان ھېيتلىق تەبرىكنامىسىنى يەتكۈزدى:
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان پىداكار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر نامىدىن ۋە ئۆز نامىمدىن، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ، جۈملىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەيمىز ۋە خەلقىمىزگە جانابى ئاللاھتىن ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، ئامانلىق، بەخت-سائادەت تىلەيمىز!

ئۇشبۇ مۇبارەك كۈندە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزغا بولغان ئالىي ھۆرمىتىمىزنى ۋە چەكسىز سېغىنىشىمىزنى قايتا-قايتا ئىزھار قىلىمىز، ئەزىز قۇربانلىرىمىزنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بەخت ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمىز!

بۇ مۇبارەك كۈندە، تايلاندتىن ۋە باشقا ئەللەردىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بالدۇرراق ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى جانابى ئاللاھتىن تىلەيمىز، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللەتسۇن، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەبىر بەرسۇن!

ئۇشبۇ مۇبارەك كۈندە، شەرقىي تۈركىستاندا خورلۇق چېكىۋاتقان ۋە بىگۇناھ قىرىلىۋاتقان دىن ۋە قان قېرىنداشلىرىمنى ئۇنتۇمىغان، ئۇلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كوچىلارغا تۆكۈلۈپ، مۇستەبىت كوممۇنىست خىتايغا قارشى غەزەپلىك شوئارلىرى بىلەن نامايىش قىلغان، سەمىمىي دۇئالىرى ۋە خالىس ياردەملىرى بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ساھىب چىققان ئۇلۇغ تۈرك خەلقىگە ۋە دىيانەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىر ۋىجدانى ۋە ئىنسانىي بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز، يەنە بۇ مۇبارەك كۈندە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە چىققان ۋە ئۇلارنى ئىللىق باغرىغا باسقان تۈركىيە دۆلىتى ۋە ئەزىز تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا چەكسىز مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز!شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇلارنىڭ بۇ خالىس ياردىمىنى ۋە مېھرى-شەپقىتىنى ئەبەدىيەن ئۇنتۇمايدۇ!»

رابىيە خانىم يەنە بۇ مۇبارەك قۇربان ھېيت يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان خاسىيەتلىك كۈنلەردە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ،ئۇيغۇر ئېلىدا «3 بايرامنى بىرلىكتە تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋېلىش» دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ سۈنئىي ھالدا بايرام تەنتەنىسى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى نومۇس قىلماستىن، خەلقىمىزنى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى مۇتتەھەملەرچە زورلۇق كۈچ بىلەن ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنىڭ 66 يىللىقىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە مەجبۇرىي زورلاپ تېڭىلغان ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60-يىللىقىنى داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاپ، بۇنى مۇبارەك قۇربان ھېيتقا نومۇسسىزلارچە چېتىپ، پۈتۈن ئىسلام ئالىمىگە ۋە مۇقەددەس ئىسلامغا ئېغىر دەرىجىدە ھاقارەت كەلتۈرمەكتە!

شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دېگەن بۇ سەپسەتىسىنى ئىزچىل تۈردە قەتئىي رەت قىلىپ كەلدى، ئۇيغۇر خەلقى بۇندىن 60 يىل بۇرۇن ئۆزلىرىگە زورلاپ تېڭىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى ھېچبىر زامان قوبۇل قىلغىنى يوق، چۈنكى بۇ ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» ھازىر بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن سېپى ئۆزىدىن بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدىن ئىبارەت! شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 66 يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تىنىمسىز كۈرەش قىلىپ كەلدى.

مانا مۇشۇ ھېيت ھارپىسىدا، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە يەنە 40 نەچچە كىشىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ شېھىت بولغانلىقىدىن، مەجرۇھ بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، پۈتۈن خىتاي مىقياسى بويىچە خىتاي ساقچى-ئەسكەرلىرىنىڭ ۋە ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خالىغانچە بوزەك قىلىشىغا، خورلىشىغا، تۇتقۇن قىلىشىغا، قىينىشىغا ۋە ئۆلتۈرۈشىگە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولماقتا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما بىز، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى، قەدىر-قىممەتلىرىمىزنى، مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداش يولىدىكى كۈرىشىمىزنى توختاتمايمىز، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن خەلقىمىزگە كېلىۋاتقان پۈتۈن زۇلۇم ۋە بالايىئاپەتلەردىن دۇنيانى خەۋەرلەندۈرۈشتىن بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمايمىز، خىتاي دۇنيانىڭ كۆزىنى ئەمدى ئالدىيالمايدۇ، مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى گۇمرانلىققا يۈزلەنمەكتە.»

رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا سۆزىنى مۇنداق تىلەكلىرى بىلەن خۇلاسىلىدى : «ھەممىگە قادىر ياراتقان ئىگىمىز شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىمۇ خۇددى ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدەك بېسىم ۋە زۇلۇمدىن خالى ھالدا بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ھېيت ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلغاي! ئاخىرىدا، ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى قايتا تەبرىكلەيمەن ۋە سىزلەرگە سالامەتلىك ۋە بەخت خاتىرجەملىك تىلەيمەن! ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.