ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجاپلىنىشى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتا

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە خوتەن كېرىيە ناھىيىسى ئارال يېزىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «روپاش ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت كۇرسىغا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشى» ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە تارقالغان فوتو نۇسخىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كېرىيە ناھىيىسى ئارال يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېزىلىق بىرلىكسەپ، دىن خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇش ئارال يېزىسى تەۋەسىدىكى ئىلگىرى يۈزىنى يۆگەپ يۈرگەن ئاياللارغا تارقىتىلغان بولۇپ، ئىشخانىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق بايانلار بېرىلگەن.

«سىز، ئىلگىرى يېزىمىزنىڭ تەربىيىلەش مەركىزىدە روپاش بولۇۋېلىش سەۋەبى بىلەن تەربىيىلەنگەن مەزگىلدە يۈزىڭىزنى ئېچىپ، بۇنىڭدىن كېيىن قايتا يۈزىڭىزنى يۆگىمەسلىككە يېزىقچە كاپالەت بەرگەن. يېزىمىز 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى يېزىلىق ھۆكۈمەت مەجلىسخانىسىدىكى زامانىۋى مەدەنىيەت تەربىيىسىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ سىزگە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش ئەۋەتتۇق. ئەگەر سىز ھەقىقەتەن ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىپ، روپاشتىن ئادا-جۇدا بولغان بولسىڭىز، بۇ قېتىملىق كۇرستا سىزگە ئىسپاتنامە بېرىلىدۇ، ئەگەر بۇ كۇرسقا قاتناشمىسىڭىز، 2-، 3-قېتىملىق كۇرسقا ئۇدا چاقىرتىلىسىز. ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ قاتناشمىسىڭىز، ئىپادىسى ياخشى بولمىغان جاھىل دەپ قارىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ 68 تۈرلۈك ئىپادىسىگە چۈشىدىغان ئائىلە قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.»

ئۇقتۇرۇشنىڭ فوتو نۇسخىسى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تورداشلار بۇ ئۇقتۇرۇشقا قارىتا تۈرلۈك نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى يازغان.

بىر تورداش نۆۋەتتە مەجبۇرلاش ۋە تەھدىت خاھىشى ئېغىر بولغان بۇ خىل ئۇقتۇرۇشلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-مەھەللەردە ئومۇميۈزلۈك تارقىتىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان: «ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ كىيىنىشىگە نىسبەتەن، بۇ خىل ھەددىدىن ئاشقان دەرىجىدىكى چەكلىمە-بەلگىلىمىلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭلا ئىززەت نەپسىنى ئاياق ئاستى قىلىپ قالماستىن،بەلكى ئاشۇ ئاياللارنىڭ دادىلىرى ۋە ئەرلىرىنىڭمۇ غۇرۇرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلماقتا. ھازىر يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا روپاش ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىش ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇرۇلدى. بۇ كادىرلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ، ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى چۈمبىلىگە قول ئۇزاتماقتا. ھەتتا بەزى ئاكتىپ كادىر-ساقچىلار كوچىدىلا ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى چۈمبىلىگە ئېسىلغىنى ئۈچۈن، ھەر خىل قانلىق ۋەقەلەرمۇ يۈز بەردى.... ئەگەر قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىزغا مۇناسىپ بولغان كىيىنىشىگە قارىتا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىش مۇشۇ ھالەتتە داۋام قىلسا، ئۇ ھالدا يەنە قانداق پاجىئەلەر يۈز بېرىدۇ...بۇ خىل يەرلىك قائىدە-تۈزۈملەرنى چىقارغۇچىلار ئەجەبا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ يەتمىگەندىمىدۇ؟»

يەنە بىر تورداش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تۈرلۈك دىنىي چەكلىمىلەر ۋە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ كىيىنىشىگە قارىتىلغان بۇ خىل بەلگىلىمىلەر بىلەن خىتاينىڭ نىڭشا، گەنسۇ، يۈننەن ۋە باشقا ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كىيىنىشى، يۈرۈش-تۇرۇشى قاتارلىقلاردىكى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدىغان ئەركىن مۇھىتنى سېلىشتۇرۇپ، «نىڭشا تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇسۇلمان ئايال دېكتورى ئېكرانغا چىرايلىق باش ياغلىقىنى يۆگەپ چىقسا بۇ گۈزەللىك دەپ تەرىپلەندى، گەنسۇدا دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان قىز-يىگىتلەر ئەخلاقلىق ياشلارنىڭ ئۈلگىسى دەپ مۇكاپاتلانغانلىقى تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدە بېرىلدى...يۈننەن، بېيجىڭ، شىئەنلەردە مۇسۇلمانلار مەسچىتلەردە ئەركىن-ئازادە ناماز ئوقۇيدۇ. تۇڭگانلارنىڭ 7-8 ياشلىق بالىلىرى جۈمە نامازلىرىدا مەسچىتلەردە دادىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ناماز قائىدىلىرىنى ئۆگىنىدىكەن...ئەمما بىزدە باشقا بىر دۇنيا...ئاياللىرىمىز بېشىدىكى ياغلىقىغىمۇ ئىگە بولالمايۋاتىدۇ!» دەپ يازغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە، «قانۇنسىز دىنىي ئېتىقادنى چەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش» نامىدا ھەر خىل تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتى كۈچەيتىلگەن. ئۇندىن باشقا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ناھىيە،يېزىلاردا ئاياللارنىڭ كىيىنىشىنى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلەش خىزمىتى شۇ جايلاردىكى مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ بەلگىلەنگەن. يېزا كادىرلىرى يەنە ھەرقايسى ئائىلىلەرگىچە كىرىپ، شۇ ئائىلىدە ھىجاپلانغان قىز-ئاياللارنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش،ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش، ئۆز تەۋەلىكىدىكى رايوندا روپاش ئاياللار، ساقال قويغان ئەرلەرنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش توختامنامىسىنى ئىجرا قىلىش يېزا كادىرلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

2013-يىل 5-ئاۋغۇست كۈنىدىكى شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان مۇقىملىق تەشۋىقات خىزمىتىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رادىكال دىنىي ئېتىقادتىن خالى ھالدىكى زامانغا لايىق كىيىنىشى تەشۋىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنغانلىقى ۋە كادىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ۋەدىلىرى تىلغا ئېلىنغان.

«ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش تەشۋىقات-لېكسىيە ئۆمىكى ئاساسىي قاتلامدا سەييارە تەشۋىقات-لېكسىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئەۋەتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش تەشۋىقات گۇرۇپپىسىدىكى 15 تايانچ تەشۋىقاتچىنىڭ «پارتىيىنىڭ مىللەتلەر-دىن سىياسىتى ياخشى، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولايلى، زوراۋان-تېررورچىلار ئورتاق دۈشمىنىمىز» دېگەن تېمىدا ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ،ئاساسىي قاتلام يېزا-بازارلىرىغا بېرىپ، سەييارە تەشۋىقات-لېكسىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. ماقالىدە يەنە يېزا كادىرلىرىنىڭ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاش ھەققىدىكى ۋەدىلىرىمۇ بايان قىلىنغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيىسى قىزىل يېزىسىنىڭ كادىرى ئەسقەر تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ لېكسىيىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك دېسە چۈشەنمەپتىكەنمەن، دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇنى چۈشەندىم. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ روپاش بولۇۋېلىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىي كىيىنىشىگە خىلاپ قىلمىش. بىز مۇسۇلمانلار ئىسلام شەرىئىتىنى بۇرمىلىغان ناتوغرا قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلىمىز» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە كىيىنىشىگە قارىتىلغان بۇ خىل چەكلىمىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەنقىدلەپ كەلمەكتە. تۈركىيىدىكى دىنىي زاتلاردىن تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان دىنىي ئۆلىما ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىق، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىززەت نەپسىگە قىلىنغان ھاقارەت» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئارال يېزىلىق ھۆكۈمەتنى قاتتىق تەنقىدلەپ، «يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلەر ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز قولى بىلەن مۇقىمسىزلىق يارىتىپ، ئۇيغۇرلارغا چىقىش يولى قويمايۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى. دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى زوراۋان ۋاسىتىلەرگە مەجبۇرلاۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.