ئىستانبۇلدا «ھىجرەت ۋە نۇسرەت» نامدىكى كىتاب نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

«ھىجرەت ۋە نۇسرەت» نامدىكى كىتاب تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى يازغۇچى ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندى يازغان بولۇپ، كىتابقا يەنە - ئىلىم بىلەن ئۆتكەن ھاياتىمدىن تەلقىنلىق بايان- (چاتما ئەدەبىي خاتىرە) دەپ قوشۇمچە نام بەرگەن.

بۇ كىتاب 192 بەت ۋە 10 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتاب بېشىدا ئاپتور ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن مۇقەددىمە بىلەن باشلانغان. كىتاب چاتما ئەدەبىي خاتىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئاپتور، «ھىجرەت ئېڭى نۇسرەت تېڭى»، «ھىجرەتتە مۇشەققەت»، «ھىجرەتتە يەكلىنىش ۋە ئۇنى سەۋر بىلەن يېڭىش»، «ھىجرەتتە سۆيگۈ ۋە ھىجرەتتە مۇھەببەت»، «ئانا يۇرتتا راھەتلىك تەتىل»، «ھىجرەتتە بىباھا ئىمكان»، «مەملىكەت ئىچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىم»، «مەملىكەت سىرتلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىم»، «مېنىڭ ئەمگەكلىرىم ۋە ھەم ئەمگەكلىرىم» ۋە «ئەۋلادلىرىم ھىجرەت قىلىڭلار ئۇچۇڭلار! ھىجرەتتە جەزمەن بار نۇسرەت قۇچۇڭلار!» دېگەن ماۋزۇلار ئاستىدا ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ئىچى ۋە چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدىكى بېشىدىن ئۆتكەن تەجرىبىلىرىنى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بايان قىلغان.

ئاپتور بۇ كىتابتا ھىجرەت قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ، چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن يۇرتقا قايتىپ ۋەتەن، خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقان.

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق يازغان: «ئىنساندا ساغلام ئاڭ بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭدا ھەرىكەت بولىدۇ. ئىنساندا ھەرىكەت بولغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ياشامىدا لەززەت، تۇرمۇشىدا راۋاج-روناقلىق ۋە يېگەن-ئىچكىنىدە بەرىكەت بولىدۇ. ئىنساندىكى ئىمانمۇ، ۋىجدانمۇ شۇنداق ياشام سۈپىتىگە تالىق مەيدان-مەۋقەمۇ ئۇنىڭ كاللىسىدىكى ساغلام ئاڭغا باغلىنىشلىق بولىدۇ. ھالبۇكى، ھىجرەت ئېڭى ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن ساغلام ئاڭدۇر. ئۇنىڭغا ساھىب بولغان ئىنسان ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيالىق كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە ھامان غالىپ ئىنساندۇر.»

ئاپتور كىتابتا يەنە، ھىجرەت ئېڭى توغرىسىدا ئۆز ‏-ئۆزىگە سوئال قويۇپ مۇنداق يازغان: «ھىجرەت ئېڭىنى ھىجرەت پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۆگىنىش، ئەمگەك قىلىش كېرەك. پەقەت غەيرەت، جاسارەت بىلەن ئەستايىدىل ئۆگەنگەن ۋە جۈرئەت، جاپاكارلىق بىلەن پىداكارانە ئەمگەك قىلغان ئادەملا، ئاخىرقى ھېسابتا، ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى ھىجرەت ئېڭىنى ھىجرەت پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، بېيجىڭنىمۇ، مۇسكىۋانىمۇ، لوندوننىمۇ، ۋاشىنگتوننىمۇ ئىلىم بىلەن بوي سۇندۇرالايدۇكى، خۇددى ئۆز زامانىسىدە مەخمۇت كاشىغەرى بوۋىمىز باغدادنى بويسۇندۇرغاندەك.»

ئاپتور كىتابتا يەنە ھىجرەت ئېڭى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق يازغان: «ھىجرەت ئېڭى قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ قېچىپ كېتىش، قېيىداپ، توپلۇم-جامائەت قوشۇنىدىن ئايرىلىپ چېچىلىپ كېتىش ئېڭى ئەمەس، بەلكى ئۇ، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ، ئاندىن ئاشۇ ئۆزى تەئەللۇق بولغان توپلۇم-جامائەتنىڭ راھەت ياشاش يولىنى ئىزدەش ئېڭى بولغانلىقى بىلەن ئەھمىيەتلىك، ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى تەئەللۇق بولغان توپلۇمنىڭ مەنپەئەتى يولىدا ئىزدىنىش ئېڭى بولغانلىق بىلەن قىممەتلىك.
ھىجرەت ئېڭى رىقابەت، بەسلىشىش بەجايىكى قۇچاقلاشما جەڭ ھالىتىگە كىرگەن بۈگۈنكى دۇنيادا، ئەڭ يارايدىغان، ئەڭ ئەرزىيدىغان، ئەڭ زۆرۈر ۋە بىباھا ئاڭدۇركى، ئۇيغۇرنىڭ ئەسلىي قېنىدا بۇ ئاڭ ھامان دەريادەك ئوقچۇپ-ئوقچۇپ ئاقىدۇ!»

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي بۇ كىتابتا ئۆزىنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ئانا يۇرتى قەشقەردىن ئايرىلغانلىقىنى، بېيجىڭدا، باغدادتا، قاھىرەدە، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدىكى كۆرگەنلىرىنى، ھېس قىلغانلىرىنى ۋە ھايات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ئەدەبىي خاتىرە شەكىلدە يېزىپ چىققان.

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا كىتابنىڭ ئاپتورى ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانىي ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلغان بولساقمۇ، ئاپتور بېيجىڭدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى يار بەرمىدى.

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كىتابنى نەشرگە تەييارلاپ تارقاتقان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ كىتابنى نەشر قىلىشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ، بۇ كىتابنى، چەتئەللەرگە ئوقۇش ئۈچۈن چىققان ئۇيغۇر ياشلار ئۈچۈن بىر يېتەكچىلىك رول ئوينىشى مۇمكىنچىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ نەشر قىلدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.