تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى نەبى ئاۋجى ئەپەندى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە مەخسۇس مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» دا ئىراننىڭ شىمالىي ئەزەربەيجان رايونىدىن گافۇر ئىمامزادە خىياۋىنىڭ «قىزىلىم» ناملىق ھېكايىسىنىڭ بىرىنچى بولۇپ باھالانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇ، ئالدى بىلەن مۇخبىرلارغا مۇسابىقە توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك خەلقئارا مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى تونۇتۇش فوندى ۋە تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر مۇسابىقە تۈرك دۇنياسىدا ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇنجى ئەدەبىيات مۇسابىقىسىدۇر. مۇسابىقە مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىلىدا باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 4-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقىگە خەلقئارالىق تۈرك مەدەنىيەتلىرى تەشكىلاتى، ھەرقايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئەدەبىيات ئۇيۇشمىلىرى ياردەم قىلدى».
تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى نەبى ئاۋجى ئەپەندى 4-نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنى جاكارلاپ مۇنداق دېدى: «4-نۆۋەتلىك مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى بۇ يىل 16 دۆلەت ۋە رايوندا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ دۆلەتلەر ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، باشقۇرتىستان، چۇۋاشىستان، خاكاسىيە، قاراچاي-بالقار رايونى، تاتارىستان، قىرىم، ئىران، ئىراق، ماكېدونىيە ۋە گاگاۋۇزىيەدىن ئىبارەت. بۇ دۆلەتلەردىن كەلگەن ھېكايە ئەسەرلىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، باھالاش كومىتېتى تەرىپىدىن باھالاندى. باھالاش نەتىجىسىدە ئىراندىكى ئەزەرى تۈركلىرىدىن گافۇر ئىمامزادە خىياۋىنىڭ ‹قىزىلىم› ناملىق ھېكايىسى بىرىنچىلىككە، تۈركىيەدىن مەمەت ئاكىف دۇمان ئەپەندىنىڭ ‹تۇربىدار› ناملىق ھېكايىسى ئىككىنچىلىككە، قازاقىستانلىق بەرىك شاخانوۋنىڭ ‹ئۆگەي ئۆمۈر› ناملىق ھېكايىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى».
تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى نەبى ئاۋجى ئەپەندى 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇكاپاتنىڭ 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تارقىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار خەلقئارالىق «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى»غا مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونوم رايونلاردان بولۇپ 16 دۆلەت ۋە رايوندىن كىشىلەر ھېكايە ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما مەخمۇت قەشقىرى ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر دىيارىدىن كىشىلەر ئىشتىراك قىلمىغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟ مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا رولى بولۇۋاتامدۇ؟ ئۇيغۇرلار نېمە قىلىشى كېرەك؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن ياقۇپ ئۆمەروغلۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە تۈركىيەدىن ئاسۇمان گۈزەلجە خانىم «كۆچ» ناملىق ھېكايىسى بىلەن بىرىنچى بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئەزەربەيجانلىق ئەجدەر ئوق بىرىنچى، ئۈچىنچى قېتىملىقىدا قازاقىستاندىن روزى ئوراز بىرىنچى بولغان ئىدى.