مارگارېتا ھۆك ۋېنفورس خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە دائىر يېڭى كىتابى - «ھىمالايادىن ھالقىپ ئۆتكەن ئايال» شىۋېتسىيەدە نەشر قىلىنغان.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 14-فېۋرال كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى لىدىنگۆ ئارىلىدا «ھىمالايادىن ھالقىپ ئۆتكەن ئايال» ناملىق كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا كىتاب ئاپتورى مارگارېتا ھۆك ۋېنفورس خانىم ۋە باشقا كۆپلىگەن ئىلىم ئادەملىرى قاتناشقان.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 192 بەتلىك مەزكۇر كىتابقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1931-يىلىدىن 1938-يىلىغىچە بولغان ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان 100 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي سۈرەت ۋە جۇغراپىيەلىك خەرىتىلەر كىرگۈزۈلگەن.
مارگارېتا خانىم بۇ ئەسەرنى شۇ زامانلاردا قەشقەر، يېڭىسار، يەركەن قاتارلىق يۇرتلاردا دىن تارقىتىش ۋە تېببىي داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغان ئاتا- ئانىسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى، رەسىم ئالبوملىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىققان.
بىز مارگارېتا خانىمنىڭ ئۆزىدىن بۇ كىتاب ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا كۆپ تېرىشقان بولساقمۇ، ئۇنىڭغا ئۇلىشالمىدۇق. 14-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشقان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى نىجات ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، پائالىيەتنىڭ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇراسىم داۋامىدا، شىۋېتسىيەدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» قالپىقى بىلەن قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشقان.
ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىگۈل خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1930- ۋە 1940-يىللىرىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن زور قىممەتكە ئىگە ئىكەن. نىجات ئەپەندىمۇ بۇ كىتابتىكى تارىخىي سۈرەتلەر بىلەن ھۆججەتلىك بايانلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ كىتابتا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋەزىيىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بەختىگۈل خانىم، شۇ زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىغا ئائىت كۆپلىگەن دېتاللارنىڭ كىتابتا يەر ئالغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىتاب 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان شىۋېت مىسسىيونېرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر يەنە بىر يېڭى كىتاب ھېسابلىنىدىكەن.
0:00 / 0:00