10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشىقى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ياشىغان يانۇش ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىغا ئۇيغۇر - ھۇن مىللەتلىرىنىڭ قان بېغى سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ۋىنگېرىيە ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىسى يانۇش ھوركوۋىچ ئەپەندى گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ كىم بولغانلىقى، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
ۋىنگېرىيە پايتەختى بۇداپېشىتتا 12 - 14 - ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن 6 - نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدا، بىز ئىسمىنى كۆپ ئاڭلىغان بولساقمۇ، ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغان يانۇش ئەپەندى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىغا ئىگە بولدۇق.
كىچىك پىل، ئاقكۆڭۈل بۇ ئادەم تۇران قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا قاتارلىق بەش ئۇيغۇرنى 11 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن پويىز ۋاگزالىغا ئالدىمىزغا چىقىپ كۈتىۋېلىپ، پايتەخت بۇداپېشىتتىكى ئاقسۆڭەكلەر رايونىغا جايلاشقان ھەشەمەتلىك قوراسىغا ئېلىپ كىردى. ئىككى قەۋەتلىك بۇ قەدىمىي بىنانىڭ ھەر تەرىپىنى باغ ئوراپ تۇراتتى. باغلىرىغا ھەرخىل مېۋىلىك دەرەخلەر ۋە گۈللەر تىكىلگەن ئىدى. ئۇزۇن بالكونىنىڭ بىر بېشىغا ماجارلارنىڭ بايرىقى، يەنە بىر بېشىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى تىكىلگەن ئىدى.
ئۇ بىزنى ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن ھۇنچە بىر تاماق بىلەن غىزالاندۇردى. غىزادىن كېيىن سۆھبەت قۇرۇش ئىمكانى تۇغۇلدى. 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر - ھۇن مۇناسىۋەتلىرىنى قۇرۇش ۋە ھۇن خەلقىگە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلىغان بولغاچ، ئۇنىڭدىن «سىز ئۇيغۇرلارنى قاچاندىن باشلاپ تونۇشقا باشلىدىڭىز ۋە نېمە ئۇچۈن ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە قىزىقىسىز؟» دېگەن سوئالنى زىيارىتىمىزگە مۇقەددىمە قىلدۇق. سوئالىمىزغا يانۇش ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن دۇنيا ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ئىدىم ۋە 12 يىلدىن بېرى ئۇنىڭ گېرمانىيەدىكى رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم. بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى قازاقىستاندىكى ھۇنلار قۇرۇلتىيى ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئالماتاغا زىيارەتكە بېرىشقا توغرا كەلدى. بىز ئالماتادا بىر ھەپتە تۇرۇش جەريانىدا، قازاقىستاندا تەخمىنەن 1 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشتۇق. مەن ئۇيغۇر - ھۇن مىللەتلىرىنىڭ قانداشلىقىغا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرۈپ كەلگەن بولغاچ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان " ئۇيغۇرلارنى بىر كۆرگەن بولسام - ھە؟ ئۇيغۇر دېگەن زادى قانداقراق بىر مىللەتتۇ؟" دېگەن ئوي - خىيالدا ياشاۋاتاتتىم. ئالماتادا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەشكىلات ئىشخانىسى بارلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال ئىزدەپ تېپىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش نىيىتىگە كەلدىم.»
يانۇش ئەپەندى سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشقان شۇ دەقىقىلەردە، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ھەمدە بۇندىن مىڭ يىل ئىلگىرى ئەجداتلىرى ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەۋلادلىرىنىڭ دىدار كۆرۈشۈۋاتقانلىقىدەك بۇ مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شۇ قېتىمقى ھاياجانلىق ئۇچرىشىش جەريانىدا، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە يەنە بىر توپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقى ۋە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋەتىنىنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. بۇ چاغدا مېنىڭمۇ خىزمىتىم ھەم ئائىلەم گېرمانىيەدە ئىدى. بۇ خۇش خەۋەردىن سۆيۈنۈپ، دەرھال ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ تېپىش قارارىغا كەلدىم. نەتىجىدە، تۇنجى قېتىم تاپقان ئۇيغۇر قېرىندىشىم د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى بولدى. ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانلاندىم. بىز ھۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھازىر تېرىسى ئاق بولغان بىلەن، بۇندىن مىڭ يىللار ئىلگىرى سىلەرگىلا ئوخشايتتۇق. ئارىمىزدا ئەسلىگە تارتقان قارا چاچلارمۇ خېلى بار. ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ خاقانى ئاتىللانىڭ رەسىمىنى كۆردىڭلارمۇ؟ بىزگە ئەمەس، ئەسلىدە ئۇ سىلەرگە ئوخشايدۇ. دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ شۇ تاپتا تىلىمىز باشقا، ئەمما قېنىمىز بىر. دىنىمىز باشقا، ئەمما بىر مىللەتمىز. ئۇيغۇرلار بىلەن ھۇنلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىرى، ئۆرپى - ئادەتلىرىدە پەرق يوقلۇقىنى بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىز سۆزلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسلىگە ئىنتىلىش ۋە ئۇنى بىلىش ئىشتىياقىغا ئەسىر بولغان بىر ئادەم ئۈچۈن، مىڭ يىل ئايرىلىپ ياشىغان قېرىندىشىنى تېپىۋېلىش ئەلۋەتتە، زور خۇشلاللىق - دە!؟»
بىز يانۇش ئەپەندىگە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قان قېرىنداشلىرى بولغان ھۇنلارغا بەكلا قىزىقىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، «ھۇنلار بىلەن قېرىنداش خەلقلەر دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە بار. بىراق سىز، ئۇيغۇرلارغىلا ئالاھىدە قىزىقىدىكەنسىز، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەمسىز؟» دېگەن سوئالنى قويدۇق. جانۇش ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «قانداش خەلقلەر ئىچىدىكى ھەممىدىن قەدىمىسى ئۇيغۇرلاردۇر. باتۇر خاقان ئۇيغۇرلارنىڭ بوۋىسىدۇر. باتۇر خاقان، يەنى ئۇيغۇرچە ئېيتقاندا، باتۇر تەڭرىقۇت ئەسلىدە ئۇيغۇر ئىدى ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 200 - يىلللار بىلەن 175 - يىللار ئارىسىدا ھۇنلارنىڭ بۈيۈك ھۆكۈمدارى بولغان. مەن بىزنىڭ ئائىلە نەسەبىمىزنىڭ باتۇر تەڭرىقۇتقا تۇتىشىدىغانلىقىنى ئۆگەنگەن كۈنىمدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزۈمنىڭ ئەجدادى ھېسابلاپ ياشاپ كەلدىم. بىراق، بىز سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەملىكىسىدە 1989 - يىلىغا قەدەر ياشىدۇق. سىلەر، ئەجداتلىرىمىز بولغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنگە قەدەر خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئارىمىزدا ئالاقە ئىمكانى بولمىدى.»
بىز مانا ئەمدىلا يانۇش ئەپەندىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇ قەدەر مەستانە بولۇشىدىكى سەۋەبنى بىر ئاز بىلگەندەك بولدۇق. ئۇنىڭ 2 - ۋەقەتتىكى ئۆيىگە ئۇزۇن بىر نەسەبنامە ئېسىلغان. ئۆيلىرىنىڭ تاملىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە باتۇر تەڭرىقۇتتىن تارتىپ تاكى ۋىنگېرىيەدە پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ھۆكۈم سۈرگەن مەشھۇر شاھلارنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان. ئۇ ئۆزى بولسا، ۋىنگېرىيەنىڭ ئاخىرقى پادىشانىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىز يانۇش ئەپەندىدىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان شۇ دەقىقىدە، ئاتىللا مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى، يەنە بىر ئۇيغۇر مەستانىسى باردوسى فەرەنسە ئەپەندىدىن تېلېفۇن كەلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەچ، تەييارلىق قىلىپ مېھمانخانىسىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. سۆھبىتىمىز ۋاقتىنچە ئۈزۈلۈپ، بۇ كىشىنىڭ ھوزۇرىدا مېھماندا بولدۇق. باردوسى فېرەنسە ئەپەندى ئۇيغۇر مېھمانلىرىنى باغرىغا بېسىپ قارشى ئالدى ۋە «خۇش كەلدىڭلار قان - قېرىنداشلىرىم ئۇيغۇرلار! مەن باردوسىنىڭ مېھمىنى بولغانلىقىڭلاردىن ئىپتىخارلىنىمەن. مەنمۇ يانۇشقا ئوخشاش ئۇيغۇر ئاشىقى» دېدى.
باردوسى فېرىنسە ئەپەندى ئۈمىد ئاگاھىغا بىر تون تەقدىم قىلدى. دىققەتنى تارتىدىغىنى، ئۇنىڭ مېھمانخانىسىغىمۇ ئاي يۇلتۇزكلۇق كۆك بايراق قادالغان ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇ بايراققا قاراپ تۇرۇپ ئۆزارا شۇنداق پىچىرلاشتى، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق بىزنىڭ بايرىقىمىز. بۇ بايراقنىڭ ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت بىناسىغا ئېسىلغانلىقىنى، ئاتىللا مېھمانخانىسىغا ئېسىلغانلىقىنى، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئېسىلغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. ئەمما ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆيىدە بۇ بايراقنى كۆرگىلى بولار؟ ئۆز بايراقلىرىنى ھۇن قېرىنداشلىرىچىلىك قەدىرلەيدىغان ئۇيغۇردىن قانچىسى باردۇ؟
11 - ئاۋغۇست كەچتە، باردوسىنىڭ ھەقسىز ياتاق، تاماق ۋە باشقا مېھماندارچىلىقلارنى ۋەدە قىلىشىغا قارىماي، ئۇيغۇر مېھمانلار يانۇش ئەپەندىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. بىزنىڭ يانۇش ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز يەنە داۋام قىلدى. بەزى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى «ئۇيغۇرلار ھۇنلارنىڭ ئەۋلاى» دەپ يازغان ئىدى. بىراق يانۇش ئەپەندى ۋە خېلى بىر قىسىم ھۇن تارىخچىلىرى «ھۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى» دەپ قارايدىكەن. يانۇش ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھۇنلار ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت نامىنى«ئۇنگار»دەپ ئاتايدىكەن. «ئۇنگار» دېگەن بۇ سۆزنى «ئۇيغۇر» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە تاۋۇش ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان، دەپ ئىزاھلايدىغانلارمۇ باركەن. قايسى توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر - ھۇن مىللەتلىرىنىڭ قان - قېرىنداشلىقى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋە بۇ نەسىل بىرلىكىگە بولغان تەلپۈنۈش ھۇنلار زېمىنىدا ئەۋىج ئالغان بولۇپ، ۋىنگېرىيەدىكى ھۇنلار ۋە باشقا قانداش مىللەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆزى بىلەن قارايدىكەن.
0:00 / 0:00