ھۇنلار قۇرۇلتىيى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھىنى ئالتۇن مىدال بىلەن تەقدىرلىدى

0:00 / 0:00


ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېستتا 7-نۆۋەتلىك ھۇنلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھۇنلار قۇرۇلتىيى ئۇنىڭغا ھۇن - ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى يولىدا ياراتقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى پاترۇبانىي مىكلوسنىڭ ئىمزاسى بىلەن بىر ئالتۇن مىدال ۋە بىر شەرەپنامە تەقدىم قىلغان.

مىدال ۋە شەرەپنامىلەرگە دۇنيا ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ نامى بېرىلگەن. شەرەپنامىگە «ھۇن - ئۇيغۇر قېرىنداشلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپىلەر قوشقان ئۇيغۇر پەرزەنتىگە تەقدىم» دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغان.

مەلۇمكى، 7 - نۆۋەتلىك ھۇنلار قۇرۇلتىيى 15 - ئاۋغۇست باشلانغان ئىدى. 6 - نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئۇلاپلا باشلانغان بۇ قۇرۇلتايغا 40 ئەتراپىدىكى دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 980 نەپەردىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمۇ بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ، ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ ئالىي مىدالى ۋە ئالىي شەرەپنامىسىگە ئېرىشكەن. ھۇنلار قۇرۇلتىيى 20 - ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىكەن.

بۇ يىل دۇنيا ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە دەۋرى بولۇپ، ۋېنگىرىيە دۆلىتى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغاچ، تاكى 1989 - يىلىغىچە بولغان ئۇزۇن بىر مۇددەت قۇرۇلتاي چاقىرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان.

ھۇنلار قۇرۇلتىيى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ئېرىشكەن ئالتۇن مېدال
ھۇنلار قۇرۇلتىيى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ئېرىشكەن ئالتۇن مېدال (RFA/Ekrem)


بۇ قېتىمقى 7 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلام ئارقىلىق بەلگىلەپ چىققان. پاترۇبانىي مىكلوس يەنە بىر قېتىم قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ، ئۈمىد ئاگاھىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۈمىد ئاگاھىنىڭ 12 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر - ھۇن مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى قان بېغىنى چېڭىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە شەرەپنامە ۋە مىدالنى ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى سەھنىدە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوتلۇق سالاملىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلار بەرگەن. ئۇ بۇ قېتىمقى مۇكاپات توغرىسىدا توختالغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قېرىنداشلىرى ھۇنلاردىن ئايرىپ تاشلاش، ھۇنلار قۇرۇلتىيى ۋە تۇران قۇرۇلتىيىغا قاتناشتۇرماسلىق قاتارلىق سۈيىقەست ۋە زىيانكەشلىكلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتە تارماق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىشخانىلىرى بولغان ۋېنگىرىيەدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلات ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ ھۇن خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۇنلار قۇرۇلتىيى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ئېرىشكەن مۇكاپاتنامە
ھۇنلار قۇرۇلتىيى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ئېرىشكەن مۇكاپاتنامە (RFA/Ekrem)


ۋېنگىرىيە ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى، ئۇيغۇر مەستانىسى يانۇش ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر - ھۇن مۇناسىۋەت رېشتىنى ھىچكىمنىڭ بۇزالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار ھۇن - تۈرك نەسىللىك مىللەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مەدەنىيەتلىك، ئەڭ سەلتەنەتلىك بىر مىللەت ئىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇزۇن تارىخلاردا ئۆزلىرىگە بېقىنىپ، ئۆزلىرىگە تىز پۈكۈپ ياشىغان بىر مىللەتكە مۇستەملىكە بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرۇپ، مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنى بەرپا قىلىپ ياشىغان ئۇ دەۋىرلەردە، نۇرغۇن مىللەتلەر ياۋايىلىق تەبىئىتىدىن تېخى ئايرىلمىغان. ھۇن بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان بىر قەلب رىشتى بار، ئورتاق بىر ھېكايىسى ۋە ئورتاق بىر تارىخى بار. بۈگۈن ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي مىدالىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئوغلانى ئۈمىد ئاگاھى، ئايرىلىپ مىڭ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھېكايە ۋە تارىخنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاشقا، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى بولغان ھۇن - ئۇيغۇر مىللەتلىرىنىڭ قەلب رېشتىنى قايتىدىن چىڭىتىشقا زور ھەسسە قوشتى. ئۇنىڭدىن يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بىز ماجارلارمۇ پەخىرلىنىمىز.»

ئۈمىد ئاگاھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2004 - يىلىدىن باشلاپلا ھۇنلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەتتا ئۇيغۇرلار بىلەن قان بېغى بولغان ساكلار، چاڭگولار قاتارلىق رۇمىنىيە، مولداۋىيە ئەللەرىدە ياشايدىغان نەسىلداش مىللەتلەرنىمۇ ئىزدەپ تېپىش يولىدا زور ئەجىر سەرپ قىلغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ يىل ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ 12 - 14 - كۈنلىرى ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشىتتا چاقىرىلغان 6 - نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار ماجار خەلقىنىڭ چۇڭقۇر ھۆرمىتىگە نائىل بولغان ئىدى. ئۈمىد ئاگاھىنىڭ بۇگۈن ۋېنگىرىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەشكىلات بولغان ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئالتۇن مىدالىغا ئېرىشىشى، ئۇيغۇرلارنى تەبىئىي ھالدا سۆيۈندۈرىدۇ.