پېشقەدەم جامائەت ئەربابى ھۈسەيىن قارى ئىسلامى ياشلىقىنى كۈرەش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى

0:00 / 0:00

ۋەتەن دەۋاسىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملاشتۇرغان ۋە كۆپلىگەن ئىجابىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان مۇجاھىد ۋە جامائەت ئەربابى ھۈسەيىن قارى ئىسلامى 2015-يىلى5-سېنتەبىر ئاخشىمى سەئۇدى ئەرەبىستاندا 98 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مەرھۇم ھۈسەيىن قارى ئىسلامى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ پىشقەدەملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئالاھىدە ھۆرمەتكە لايىق شەخس ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار قايغۇرماقتا

سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن ياسىن ھاجىم مەرھۇم ھۈسەيىن قارى ئىسلامى توغرىلىق مۇنداق دېدى: «مەرھۇم ھۈسەيىن قارى ئاكام بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ ئىنقىلابقا قاتناشقان مۇجاھىد ئىكەن. بۇ كىشىنىڭ تەرجىمىھالىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ كىشى بىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئانا ۋەتەندە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھەسسىسى بولغان ۋە بۇ جەريانلاردا نەق مەيداندا جىھاد قىلغان كىشىلەردىن ئىكەن. ھۈسەيىن قارى ئاكام ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىنمۇ ۋەتەن دەۋاسىنى توختاتماي ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر كۈرەش قىلغان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاساسەن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. ۋەتەنگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن كىتابلارنى ئۆز چىقىمى بىلەن باستۇرۇپ تارقاتقان ئىكەن. بۇ كىشىنىڭ ۋاپاتى سەۋەبلىك سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بارلىق ھەمشەھەرلەر قاتتىق قايغۇردى، جانابى ئاللاھ تائالادىن مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنىڭ ئالىي جەننەتلەردىن بولۇشىنى تىلەيمىز».

مەرھۇم ھۈسەيىن قارى ئىسلامى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى ئاستىن ئارتۇشنىڭ مەشھەد رايونىدا 1917-يىلى تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئارتۇش ناھىيىسىدە پۈتتۈرگەن. 1934-يىلى مۇھەممەد ئېلى ئەپەندى ئاچقان مەكتەپتە مۇئەللىملىك كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ ئارتۇش ناھىيىسى ئىتارچى كەنتىگە باش مۇئەللىم بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەر كونا شەھەر ئوردىبېشىدا ئەپەندىلەر مەكتىپىدە ئوقۇپ يۇقىرى بىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا مەدەنىي مائارىپ خىزمەتلىرىگە تەيىنلەنگەن. كېيىن ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىلىك شۆبىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، شۇ جايدا «ياشلار تەشكىلاتى»نى قورغان. بۇ يېڭى تەشكىلاتتىن خىتاي مۇستەبىتلىرى تەشۋىشلىنىپ ئاۋات ناھىيىلىك خىتاي ھاكىمى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغاندا، ئاقسۇ بېگى نىياز ھېكىم بەگنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا سولاقتىن قۇتۇلغان. ھۈسەيىن قارى ئىسلامى 14 ياشلىرىدىن باشلاپ ئانا يۇرتىنىڭ غەيرىلەرنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، مۇستەقىللىق ئارزۇسىدا يېتىشكەن ئىكەن.

مەرھۇم ھۈسەيىن قارى ئىسلامىنىڭ خاتىرە دەپتىرىدىن

مەرھۇم ھۈسەيىن قارى ئىسلامى مۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان خاتىرە دەپتىرىدە ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرى ۋە ئاقسۇدىكى ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرى توغرىلىق مۇنداق دەپ يازغان: «مەخمۇت مۇھىتى چەت دۆلەتلەرگە چېكىنىش ھالىتىدە تۇرغاندا، ئۇنىڭ قالغان ئەسكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىۋاتقان ئابدۇنىياز ئاقسۇ ئاۋات ناھىيىسىگە ئەسكەر تارتىپ كەلدى. مەن شۇ چاغدا ئابدۇنىيازنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ ئىنقىلابقا قاتناشتىم. بۇ قوزغىلىش يەركەندىن باشلىنىپ قەشقەردىن ئۆتۈپ ئاقسۇ، كۇچار ۋىلايەتلىرىگىچە يېتىپ بارغان. بۇ ئەھۋالدىن ئەندىشە قىلغان رۇسىيە كوممۇنىستلىرى مەھمۇد سىجاڭنىڭ قولىدا تەربىيە كۆرگەن بۇ يېڭىلمەس ئەسكەرلەرنىڭ ھېچقانداق سۈلھى-سالاغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئالدىدا خىتاي ئەسكەرلىرى، ئارقىدا رۇس ئەسكەرلىرى پىلىموت ۋە تانكىلار بىلەن بىرلەشمە ھۇجۇمغا ئۆتتى. بۇ ۋاقىتتا مەن گېنېرال ئابدۇنىيازنىڭ كاتىپى ۋە سىياسىي مەسلىھەتچىسى ئىدىم. خىتاي ۋە رۇس بىرلەشمە كۈچلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەرگە ھۇجۇم باشلاتتى. ھەر تەرەپتىن سۇدەك ئېقىپ كىرگەن رۇس ئەسكەرلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىن ئارتۇش، قەشقەر ۋە قارغىلىق شەھەرلىرىگە بىر كۈن ئىچىدە تۇيۇقسىز ھالدا يېتىپ كېلىپ، ئىنقىلاب مەركەزلىرى ئورۇنلاشقان ناھىيە ۋە شەھەرلەرنى پۈتۈنلەي بېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاۋات ناھىيىسى قايتىدىن خىتاي ۋە رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشتى. بۇ بىرلەشمە دۈشمەن ئەسكەرلىرى تەكلىماكاندىكى مۇجاھىدلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن يول ئېلىپ تەكلىماكان چۆلىدە قاتتىق ئۇرۇش پارتلىدى. بۇ جايدا ئاچلىقتىن ماغدۇرى قالمىغان مۇجاھىدلار جېنىنىڭ بارىچە ئېلىشتى، قولىدىن كەلگەنچە مۇداپىئەلەندى. ئارقا-ئارقىدىن تانكا ۋە ئايروپىلانلار بىلەن ئېتىلغان ئوقلار زەربىسىدە ئۇيغۇر مۇجاھىدلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئاچ ۋە يالاڭاچلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەكەن ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلدى. يەكەنگە ئاران يۈزگە يېقىن ئادەم يېتىپ كېلەلىدى. دۈشمەنلەر شۇ ۋاقىتتىكى مۇجاھىدلارنىڭ قوماندانى ئابدۇنىياز بىلەن ئۇنىڭ مۇئاۋىنى كىچىك ئاخۇنلار بىلەن قالغان ئەسكەرلەرنى يەركەن شەھىرىنىڭ يېنىدىكى سېپىلدا توختىتىپ شېھىت قىلىپ بولۇپ، يەركەن شەھىرىدە خەلقنى قەتلىئام قىلدى، مەن شۇ ۋاقىتتا تەكلىماننىڭ بويىدا مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم بىلەن بىرلىكتە دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم. دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئۆلۈمدىن ئېشىپ قالغان مۇجاھىدلارنى ئاۋات ناھىيىسىدىكى سولاقخانىدىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك چوڭ قاماقخانىغا ئېلىپ بېرىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا تاشلايدۇ. غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەلىخان تۆرەگە ئوخشىغان بىلىملىك كاتتا كىشىلەر بىلەن بىر ئۆيدە ياتتىم.

ئابدۇنىياز ئىنقىلابى بېسىقتۇرۇلۇپ يېڭى ئىستىبدات ھاكىمىيەتنى ئورناتقان خىتاي ۋە رۇس كۈچلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدە ئادەم قىينايدىغان تۈرمىلەرنى سالدى. بۇ تۈرمىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى كاتتا ئۆلۈمالار، مەشھۇر يازغۇچىلار ۋە دىن، مىللەت يولىدا كۈرەش قىلغان مۇجاھىدلار، شۇنداقلا خىتاي بىلەن رۇسلارنىڭ ھىيلىسىگە ئالدانغان خوجانىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاب رەھبەرلىرى بىلەن تولغان ئىدى. تۈرمىگە چۈشكەنلەر ئىچىدە ئىنقىلابچى ۋە يازغۇچىلاردىن باشقا، ئىمام، مۇئەززىن ۋە مىللىي غۇرۇرى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. بۇ زىندانلاردا ياتقان ئادەملەر رۇسلار ئۇيغۇر ئېلىدا بىر قانچە يىل ئىلگىرى تىزىملاپ بولغان كىشىلەر ئىدى. چۈنكى رۇسلار ئۇيغۇر ئېلىدا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىنى خالىمايتتى. رۇسلار ئەسلىدە شەرقى تۈركىستاندا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت دۇنياغا كەلسە، رۇسلارنىڭ قولىدىكى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە تەسىرى بولۇشىدىن قورقاتتى. رۇسلار ئۇيغۇر ئېلىغا چېگراسى يېقىن جايلاردا بىزنىڭ مۇجاھىدلىرىمىزغا ئاز-تولا قورال بېرىپ باشلاتقان ئىنقىلابلار خىتايلار ئۈچۈن تەھدىت سالاتتى. رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىۋاتقان مەدەن بايلىقلىرىغا خىتايلار قارشى چىققان ۋاقىتلاردا رۇسلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قورال بېرىپ ئۇلارنى خىتايلارغا قارشى كۈشكۈرتەتتى. خىتايلار مىللىي ئىنقىلابچىلاردىن قورقۇپ «ۋاي غوجام بولمىدى»دېگەندە رۇسلار دەرھال ياردەمگە كېلىپ مىللىي مۇجاھىدلارنى باستۇرۇپ، ئۆلتۈرۈپ بېرەتتى. ئۇيغۇر ئېلىدا قاندانلا بىر مۇنەۋۋەر ئىنسان ئۆلتۈرۈلسە ياكى قاماققا ئېلىنسا ئۇ چوقۇم رۇس ۋە خىتاي ئىككى بىرلەشمە دۈشمەننىڭ قولى بىلەن بولاتتى. مۇجاھىدلارنىڭ بەزىسى خىتاي قولىدا ئۆلتۈرۈلسە، بەزىلىرى رۇسلارنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ھەقىقەتلەرنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ ۋە بىلىپ چىققان مۇنەۋۋەر ئىنسانلارنىڭ كۆپلىرى ۋەتەننى دۈشمەندىن قۇتقۇزۇش غايىسى بىلەن بىرلىكتە تۈپىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. ئەمما ھاياتتا قالغان ئاز قىسىمدىكىلىرى دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە پۇرسەت كۈتۈپ تۇردى. شۇلاردىن بىرى بولغان ئېلى خان تۆرە غولجىدىن قېچىپ كۇچار، شاھيار ناھىيىسىدە تۇتۇلۇپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تۈرمىدە ياتقان ۋاقىتلىرىدا پېقىر ھۈسەيىن قارى، سالىھ داموللام قاتارلىقلار ئۆز ئارىسىدا ئىنتىقام پۇرسىتى ھەققىدە سۆزلىشەتتۇق. بۇ ئىككى چوڭ دۈشمەننىڭ قولىدىن ۋەتىنىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ غېمىدە مۇڭدىشاتتۇق.»