خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خۇيزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن تۇڭگانلار دەپ ئاتىلىۋاتقان جۇڭگو ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى خىتاي تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەدىمىي مۇسۇلمان خەلق تۇڭگانلار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا «دۇنگان» دەپ ئاتىلىدۇ.
«دۇنگانلار»، يەنى، تۇڭگانلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئاز سانلىق مىللىتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا پەيدا بولۇشى ۋە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرى ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ يېقىنقى ئىككى ئەسىرلىك سىياسىي تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. تۇڭگانلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ئىككى ئەسىرلىك سىياسىي تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلابتا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلغان ئىدى. قازاقىستاندا ياشايدىغان سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى ئىبراھىم ياۋاخۇنوف تۇڭگانلارنىڭ ئەنە شۇ ئىش- پائالىيەتلىرى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلدۇردى.
مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشايدىغان خىتاي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مەزكۇر يېگانە مۇسۇلمان خەلق سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى بۇرۇنلا تارتقان بولۇپ، تۇڭگانلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا باشلانغان. 1980-يىللاردا قىرغىزىستانلىق تۇڭگان ئالىمى مۇھەممەد سۇشانلو مەخسۇس سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۇڭگانلارنىڭ تارىخى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلدۇرغان ئىدى.
2008-يىلى، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان تۇڭگان زىيالىيسى ئىبراھىم ياۋاخۇنوف تۇڭگانلار ھەققىدىكى تېمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، يەتتەسۇ ۋە ئىلى ۋادىسىدىكى تۇڭگانلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىدە ۋە 1944-1949-يىللىرىدىكى ئىلى، تارباغاتاي ھەم ئالتايدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىدە ئوينىغان رولى شۇنىڭدەك قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ «تۇڭگانلارنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئەسلىمىلەر» ماۋزۇلۇق كىتابىنى رۇس تىلىدا نەشر قىلدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى بۇ دەۋردىكى تۇڭگانلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنى چۈشىنىشتە قىممەتلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.
87 ياشلىق ئىبراھىم ياۋاخۇنوف غۇلجادا تۇغۇلغان، 1944-يىلى ئىلى گىمنازىيىسىدە ئوقۇۋاتقاندا مىللىي ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، ھەرەمباغ جەڭلىرىگە ئىشتىراك قىلغان ۋە تۇڭگان پارتىزان ئەترىتىگە ۋە 1945-يىلى، 4-ئايدا تۇڭگان مۇستەقىل ئاتلىق باتاليونىغا قاتنىشىپ، ئوفىتسېر بولغان. ئىبراھىم ياۋاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىكىدىنلا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىل -يېزىقىنى پۇختا ئۆگەنگەن ھەم ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ، كېيىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشر قىلدۇرغان.
ئىبراھىم ياۋاخۇنوف كىتابىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە بېغىشلىغان بولۇپ، كىتابنىڭ باش قىسمىغا مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ئېلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۈرىتى بېرىلگەندىن تاشقىرى مىللىي ئىنقىلابنىڭ باشقا رەھبەرلىرىدىن ئىسھاقبېك مۇنونوف، زۇنۇن تېيىپوف، غېنى باتۇر ۋە باشقىلارنىڭ سۈرەتلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئاپتور كىتابىدا تۇڭگان ئاتلىق پارتىزانلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى، ئۇلارنىڭ سۈيدۈڭ، قورغاس ۋە ھەرەمباغ ئۇرۇشلىرىدىكى رولى ھەققىدە قىممەتلىك تارىخى ئۇچۇرلار قالدۇرۇلغاندىن تاشقىرى يەنە مىللىي ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت ۋە ھەربىيلەر ئارىسىدا ياخشى تونۇلغان ئىلىنىڭ بىر قىسىم تۇڭگان ئەربابلىرىنىڭ تەرجىمىھالىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.
كىتابتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، تۇڭگان پولكىنىڭ كوماندىرى، پولكوۋنىك كېرىم ھاجى، تۇڭگان پولكىنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى مەنسۇر لومىيېف ۋە باشقا ئوفىتسېرلارنىڭ ھايات -پائالىيەتلىرى سۈرەتلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.
ئىبراھىم ياۋاخۇنوف تۇڭگان پارتىزانلىرىنىڭ دەسلەپكى پارتىزان ئەترىتىدىن قەدەممۇ-قەدەم كېڭىيىپ، تۇڭگان ئاتلىق باتاليونى، ئاخىرى تۇڭگان ئاتلىق پولكى دەرىجىسىگىچە كۆتۈرۈلۈش جەريانى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلارنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇ تۇڭگانلارنىڭ غۇلجادا قانداق تەشكىللەنگەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتكەن.
ئىبراھىم ياۋاخۇنوف كىتابىدا مىللىي ئارمىيە تۇڭگان باتاليونىنىڭ 1945-يىلى، 6-9-ئايلاردا ئارىسىدا داخېياڭزى، يۇڭجىخو ۋە جىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى قاتناشقان ۋەقەلەرنى قوشۇمچە قىلدى.
1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئادەتتە جۇڭگودا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما، ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر ئازادلىق ھەرىكىتى «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، مەزكۇر ئىنقىلابى ھەرىكەتكە ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە، ئۆزبېك، تاتار، رۇس قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇلار ئۆز ئالدىغا پارتىزان ئەترەتلىرىنى قۇرغان ئىدى.
مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى مەرھۇم توختى ئىبراھىم ۋە باشقا شاھىتلارنىڭ كىتابلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا، تۇڭگان، موڭغۇل ۋە شىبەلەر ئۈچۈن ئايرىم قوشۇنلارنى قۇرۇش رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇڭگان باتاليونى بىلەن موڭغۇل باتاليونى كېيىن پولك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. مىللىي ئارمىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىش جەڭلىرىدە ئەنە شۇ تۇڭگان، موڭغۇل ۋە شىبە جەڭچىلىرى قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىبراھىم ياۋاخۇنوف كىتابىدا تۇڭگان جەڭچىلىرىنىڭ جىڭ ئۇرۇش سەپىدە ئۇيغۇر جەڭچىلىرى بىلەن بىر سەپتە قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوغدىغانلىقىنى بايان قىلغان.