30-دېكابىردىن باشلاپ ياپونىيەدىكى«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 2016-يىللىق ئەڭ ئاخىرقى پروگراممىسى يوتۇب ئارقىلىق رەسمىي تارقىتىلغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە،«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 2016-يىللىق ئەڭ ئاخىرقى پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلگەن.
«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى پروگراممىسى ئالدى بىلەن 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944-يىلى 12-نويابىر ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ گۇمران بولۇشىدىكى بەزى بىر سىياسىي سەۋەبلەر توغرىسىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردە نەشر قىلىنغان بىر قىسىم تارىخىي مەنبەلەردە دېيىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن كەڭ مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت مەزكۇر پروگراممىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن مەلۇماتلار توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.
«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى پروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيەلىك سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو مەزكۇر پروگراممىدا ئۆزى توختالغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ھەققىدە: «مەن پروگراممىدا ئاساسەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ يىمىرىلىشىدىكى سىياسىي سەۋەبلەر توغرىسىدا توختالدىم. سەۋەبى، ھازىر چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلار بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يىمىرىلىشىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي پاجىئەلەردىن ساۋاق ئېلىپ، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە سىياسەتلەردىن پايدىلىنىپ كەلگۈسىدە ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدە بۇنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسى بولارمىكىن، دەپ ئويلىدىم» دېدى.
ئىلھام ماھمۇت مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا يەنە، ياپونىيە دۆلىتىنىڭ تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە بولغان سىياسىي قىزىقىشى توغرىسىدا ياپونىيە تارىخىي مەنبەلىرىدە دېيىلگەن بەزى بىر مەلۇماتلارنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر پروگراممىنىڭ كۆرۈرمەنلىرىدىن يۇرىنا پروگرامما ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ:«مەزكۇر ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىلىرىدىن مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدىن كۆپلىگەن ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم. بۇ قېتىمقى پروگراممىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ۋەيران بولغانلىقى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ گۇمران بولۇشىدا خىتاي بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم» دېدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر جەمئىيەت 2017-يىللىق «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىلىرىنى تېخىمۇ رەڭدار ۋە كۆپ مەزمۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە باشلىغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.