پروفېسسور ياسۇشى: ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ مېۋىسىدۇر

0:00 / 0:00

يېقىندا ياپونىيەدە تونۇلغان تەتقىقاتچى پروفېسسور ياسۇشى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك مىللىي مەسىلىلەر ۋە زىددىيەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاپتور ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلغان: خىتايدا نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى بار. بۇ رايونلار راستىنى ئېيتقاندا، قەدىمدە خىتاي دۆلىتىگە تەۋە ئەمەس ئىدى. لېكىن خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ رايونلارنى قاتتىق قوللۇق سىياسىتى بىلەن ئۆز تەۋەلىكىدە باشقۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ رايونلار ئىچىدىكى ئالاھىدە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولۇپ، بۇ يەردىكى تۈركىي تىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلەرگە ئوخشاش خىتاي بىلەن زېمىن مەسىلىسى بار. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئالاھىدە بەرگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مائارىپىدىن ئاللىقاچان سىقىپ چىقىرىلغان. بۇ رايوندىكى سىياسەت يۈرگۈزگۈچىلەر خىتايلار بولۇپ،«خىتاي» دېگەنلىك كوممۇنىست پارتىيە دېگەنلىكتۇر. 1950-يىلىدىن باشلاپ خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ رايونغا كۆپلەپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، نوپۇسى ئېشىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن زىددىيەتلىشىشكە باشلىدى. بۇ يەردىكى ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تارىخ نۇقتىسىدىن قارىساق، ئاپتونوم رايوندىكى ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئۆز تارىخىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن مىللەت. 1930-يىلى، 1944-يىلى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرغان. بۇ دۆلەتلەر مۇستەقىل دۆلەت ئىدى. مانا بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ مېۋىسىدۇر. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت مەلۇم مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان بولسىمۇ، كېيىن خەلقئارا سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1990-يىلىدىن باشلاپ كۆپلىگەن ۋەقەلەر يۈز بەردى. 1990-يىلى 4-ئايدا بارىندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، بۇ يەردە قۇرۇلغان خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىنقىلاب باشلىنىپ، خىتاي ئارمىيىسى بىلەن ئۇيغۇرلار قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ ساقچى، قوراللىق ساقچى، ھەربىي ۋە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا بۇ قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان. 1997-يىلى ئىلىدا نامايىش يۈز بەرگەن. بۇ نامايىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچىدىمۇ ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، بۇ خىلدىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلار قولغا ئېلىنىپ تېررورچى دەپ ئاتالغان. يېقىندىن بۇيانقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى خەلقئاراغا تارقىلىپ، ھازىر خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سىرتىدىكى بىر قىسىم مۇستەقىللىق تەشكىلاتلىرى جىددىي ھەرىكەتتە.

ئاپتور ماقالىسىدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەققىدە توختىلىپ بۇ توغرىسىدا مۇنداق ئۇچۇر بەرگەن: 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۈركىيەگە پاناھلانغان سەرگەردان ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مىللىي ھەرىكىتىنى باشلىغان. 1990-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ تەشكىلاتلارنى قۇرغان. 1992-يىلى 12-ئايدا ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مىللىي ھەرىكىتى يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا خىتايغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان. مەزكۇر تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ، خىتاي بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش، باستۇرۇش ۋە تەشكىلات ئىچىدىكى زىيالىيلارنى، بايلارنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە تىرىشقان.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، رۇسىيە باشلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بارغان. بۇ تەشكىلات شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەپ ئاتالدى. قازاقىستان ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا ياردەملەشتى.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ۋەقەلەرنىڭ تۈپ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە مۇنداق توختالغان: بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا يۈز بەرگەن نامايىش، قوزغىلاڭ قاتارلىق ۋەقەلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن قارايدىغان بولساق، پۈتۈن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تۈپ مەقسىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. ھەر دائىم يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى، بۇنى بۆلگۈنچىلەر تەشكىللىگەن دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئەمما بۇ ۋەقەلەرنى ھېچكىم تەشكىللىگەن ئەمەس، بەلكى بۇ ۋەقەلەر ئۆزلۈكىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر. شۇنداقلا ھېچقانداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى يوق. بۇ ئىشلارنى چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇر جەمئىيىتى تىنچلىقنى سۆيىدىغان جەمئىيەتتۇر. خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدا دېيىلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان جەمئىيەت ئەمەستۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مەسىلىسى ھازىر خەلقئارالىشىپ كەتكەن مەسىلە. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن يېڭى سىياسەتلەرنى بەلگىلىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مول نېفىت، گاز ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەرنى ھازىر ئالدىراپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، قولدىن چىقىرىۋېتىشنى خالىمايدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ھەم خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەسلا توختاتمايدۇ. بۇنىڭ دەل مىسالى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدۇر.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردە راستىنىلا ماقالە ئاپتورى ئوتتۇرىغا قويغاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى ئىپادىلەنگەنمۇ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.