12-نويابىر كۈنى، توكيودا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ.
پائالىيەتتە ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ماسامۇنې ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە دوكلات سۆزلەيدىكەن.
خاتىرىلەش پائالىيىتى توكيودىكى توشىما رايونى مەدەنىيەت مەركىزىدە كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر ئىككى سائەت داۋاملىشىدىكەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2016-يىللىق تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ماسامۇنې «ياپونىيە دۆلەت سىياسىتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس بىر سائەت دوكلات بېرىدىكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ دوكلات ھەققىدە توختالدى.
ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «خىتايغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، مانجۇ يازغۇچى مېڭشا پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە پارلامېنتتا كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگىلا ئەمەس بەلكى تىبەت، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگىمۇ ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان، ياپونىيەدە بەلگىلىك تەسىرى بار سىياسەتچىلەردىن بىرى» دېدى.
تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان كىشى بولۇپ،ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى ياپون سىياسەتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئۇيغۇر داۋاسى ياپونىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە كەلگەن.
ياپونىيەدىكى خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىلىرىدىن ئاروما پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدا كۆپ قېتىم دادىللىق بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىگە شەخسەن مەن ئۆزۈم رەھمەت ئېيتىمەن.ۋادا گەرچە ياش سىياسەتچىلەردىن بىرى بولسىمۇ ئۇ ۋە ئۇنىڭ سىياسىي پارتىيەسى ياپونىيە جەمئىيىتىدە يۇقىرى يۈز ئابرۇيغا ئىگە» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2012-يىلى 5-ئايدا ياپونىيە پارلامېنتىدا، ياپونىيە پارلامېنتى-ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان پارلامېنتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، بەزى بىر سىياسىي ئۆكتىچى پارتىيىلەر بۇ مەسىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.