10-نويابىر، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توكيودا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلىدى.
ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ يېقىنقى زامان شانلىق تارىخىدا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغان. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944-يىلى ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ئىككىلا جۇمھۇرىيەت ئوخشاشلا 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان.
شۇ سەۋەبتىن 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار غۇرۇر ۋە ئىپتىخار بىلەن تەبرىكلەيدۇ.
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى بىلەن ياپونىيە دۆلەت مارشىنى ئورۇنلاشتىن باشلانغان.
خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ياپونىيەدە كۆز كۆرۈنگەن ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلىستان خانىم جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
مۇراسىمدا ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخ تەتقىقاتچىسى سېئىكىئوكا ھىدېيۇكى 20-ئەسىردە ئۇيغۇرلار تارىخىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
پائالىيەتتە ياپونىيەدىكى تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان تەشكىلاتلاردىن ئاسىيا ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان يوشىدامۇ سۆز قىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يوشىدا بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەشكە قاتناشقۇچىلار ناھايىتى كۆپ، بەلكىم يېقىندا تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى سەۋەب بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار تارىخچى سېكىئوكانىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە سۆزلىگەن لېكسىيەسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىدى. بۇنىسى ناھايىتى ياخشى بولدى دەپ قارايمەن. ياپونلار 1930-يىللاردىن باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ئىشەنچ بىلەن قاراپ، تا ھازىرغا قەدەر بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. ياپونلارغا ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلارنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئاڭلىتىش ناھايىتى مۇھىم دەپ ئويلايمەن.
خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ھەر ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ،جەمئىي ئوندىن ئارتۇق كىشى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 10-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت بەش يېرىمدىن باشلاپ كەچ سائەت توققۇزغا قەدەر توكيودىكى بۇنكيو شىبىك سېنتەدىكى مەجلىسخانىدا ئېلىپ بېرىلغان.
ياپونىيەدىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەچكە، زور ئەھمىيەت ۋە تەسىرگە ئىگە ئىكەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.