12-نويابىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن، 1933-يىلى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 12-نويابىر 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان تارىخىي بىر كۈندۇر.
دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرۇلغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەپ يىغىن،مۇراسىم ۋە ھەر خىل پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2013-يىلى 10-نويابىر يەكشەنبە كۈنى، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى توپكاپى ئەرەسىن مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا، تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى ۋە تارىخقا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
يىغىننىڭ باشلىنىشىدا يەنە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بايرام قاراجان، زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياز ساكا، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ رەئىسى ھەمزە ئاقبۇلۇت، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت سارىقۇرت، تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسسا، قازاق تۈركلىرى فوندىنىڭ رەئىسى جالال قەھرىمان قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تىلەك-ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى.
يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق خەلقلەرنىڭ 10 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن مۇنزىرە ئۆتكۈر «مەن شەرقىي تۈركىستان قىزىمەن»، دېگەن تېمىدا، مۇھەممەد ئۆتكۈر، «ئەركىنلىك تەلەپ قىلىمەن» دېگەن تېمىدا جاراڭلىق شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن يىغىننىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ جانلاندى.
يىغىننىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە قىسمىنى، ئىستانبۇل مىمار سىنان گۈزەل سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈم باشلىقى پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى باشقۇردى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر-ئالاقە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، «1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە» دېگەن تېمىدا، قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا «1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» دېگەن تېمىدا، ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور كونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن، «20-ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تارىخى» دېگەن تېمىدا، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈم ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئاغدۇرۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
بۇ يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بايرام قاراجان مۇنداق دېدى: 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان چاغدا، ئۆزلىرىگە يېقىن دەپ قارىغان بىر قانچە دۆلەتلەرگە ۋەكىل ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ ۋەكىللەرنىڭ قاتارىدا شۇ چاغدا قۇرۇلغىنىغا 10 يىل بولغان تۈركىيە جۇمھۇريىتىگىمۇ بىر ۋەكىل ئەۋەتىلگەن ئىكەن، ئەمما ئۇ ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ۋەكىللەرگە خىتاي ۋە رۇسلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇپ ئۆتۈشنى تەۋسىيە قىلىپ يولغا سېلىپ قويغانلىقىنى ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئىپادىلەيمەن، تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى 1933-يىلىدىكى زېھنىيەت بۈگۈنكى ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتىدۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا لايىق ئىگە چىقمىدى. مەن بىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى ۋە تۈركىيەدە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قېرىندىشىڭلار بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ توكيودا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن نومۇس قىلىۋاتىمەن ۋە سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى كېرەك بولغان ئورنى ئەسلىدە ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت بېشىدىكىلەرگە بۇ يەردىن شۇنى چاقىرىق قىلىمەنكى، بۇ نومۇستىن بۇ مىللەت دەرھال قۇتۇلدۇرۇلسۇن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىلسۇن، ئەگەر بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت مۇناسىۋەتنىڭ دەخلىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىنسا، ئەلۋەتتە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتە تۈركىيە زىيان تارتىپ كېلىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ ناچار ماللىرىغا ھەر يىلى 25 مىليارد دوللار پۇل تۆلەۋاتىمىز، ئۇنىڭ بەدىلىگە پەقەت ئىككى يېرىم مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلىۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەندىشە قىلىدىغان ھېچ قانداق بىر ۋەزىيەت يوق.
بايرام قاراجان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تۈركىيەدىكى پائالىيەتلەرنى بەك دىققەت بىلەن كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنى قەيەردىن بىلىسىز دەپ سورىساڭلار، بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قوللاپ قاتنىشىپ كېلىۋاتىمىز ۋە ئۆزىمىزنى بۇ مەسىلىنىڭ بىر ئىگىسى دەپ تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى بىلدۇق. خىتاي باش ئەلچىسى ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم بىزنىڭ پارتىيە مەركىزىگە كېلىدۇ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ئاڭلىتىلغاندەك ئەمەسلىكىنى داۋا قىلىدۇ، بىز ھەر قېتىم خىتاي ئەلچىسىگە ئۇ يەردە قەتلىئام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىشغالچى ئىكەنلىكىنى كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ يۈزىگە سۆزلەپ كېلىۋاتىمىز.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىدىكىلەرنى، شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلىمەن، ھازىرغىچە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرالايدىغان، ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغان سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان بىر تېلېۋىزىيىنىڭ يوقلۇقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەمچىللىكىدۇر.
رەئىس بايرام قاراجان سۆزىدە يەنە تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى ئالالمىغان ئۇيغۇرلارغا رۇخسەت بېرىش توغرىسىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى:
شۇئان تۈركىيەدە كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز مۇساپىر بولۇپ ياشىماقتا، ئۇلارغا تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىش ۋە خىزمەت قىلىش رۇخسىتى بېرىلمىدى، يېقىندا تۈركىيەدە بىر قانۇن چىقىرىلدى، بۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈركىيەدە ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالغان چەتئەللىكلەرگە ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى بېرىلىدۇ، بۇ قانۇنغا ئاساسەن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان چەتئەللىكلەر كەيپ سۈرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز كەيپ سۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇ يەردىكى ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇش، ئۇ يەردە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىن مەجبۇر بولۇپ تۈركىيەگە كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىش ۋە خىزمەت قىلىش رۇخسىتى بېرىلىشى كېرەك ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپ-ئىلتىماسلىرىغا قۇلاق سېلىش كېرەك.
ئاخىرىدا، بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەر زامان يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيمەن ۋە ۋەزىپە كۈتمەستىن قەيەردە كېرەك بولسا ئۇ يەرگە ھازىر بولىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمەن.
يىغىن ئاخىرىدا، يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلىندى. شەرەپ تاختىسىنىڭ ئۈستىگە: شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا قوشقان تۆھپىڭىز ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش يىغىنغا قاتناشقانلىقىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمىز ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز. ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى دېگەن خەتلەر يېزىلغان.
يىغىن زالىنىڭ سىرتىغا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئالاقىدار تارىخى رەسىملەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمى ئىپادىلەنگەن رەسىملەر قويۇلغان.
بىز بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ يىغىننىڭ، تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر زامانلار ھۆر ياشىغان مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش مەقسەتتە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.